ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەقىللىق ئانىنىڭ قىزىغا قىلغان نەسھىتى

ئەقىللىق ئانىنىڭ قىزىغا قىلغان نەسھىتى

ۋاقتى: 2016-03-01 ئاۋاتلىقى: 497 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەقىللىق بىر خوتۇن قىزىنى ئەرگە بەرگەندىن كېيىن مۇنداق نەسىھەت قىلغانىكەن : 
      ئەي قىزىم ! بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ، باشقا بىر ئادەمگە يارۇ - يولداش بولدۇڭ، سەن ئۈچۈن بەخت - ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى مەھكەم ئېسىڭدە تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن. 
      قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ئۆزىگە يولداش، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىللە شادلانغۇچى يولداش بولۇش ئۈمۈدى بىلەن سېنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن. ئۇ ھەر ۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن. 

      قىزىم، تېز كۈنلەردە ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا كېرەك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرى، بولۇپمۇ قېينى ئاناڭ، قېينى ئاتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇققانلىرىڭ ھېسابلا، قېينانا، قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل. مۇشۇ يېڭى تۇققانلىرىڭنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان، چۈنكى ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنچ بولۇشىغا موھتاجدۇر، ئائىلىدە ئازراق قايغۇ بولسا ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر. 
      قىزىم ! ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما، ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما. چىرايىڭنى تۈرمە. ئەرلەر خوتۇنلىرى تەرەپتىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت. 
    قىزىم، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسراپ تۇت، ئىسراپ قىلما. 
      قىزىم، ئۆيۈڭ تەرتىپلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن. بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خوشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ. 
      قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەربىيىلىك خوتۇنلار ئۈچۈن ئېغىر ئىشلاردىن ئەمەس. ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. 
      قىزىم، بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلەپ ئۇنىڭ توغرا بولمىغان ئەيىپلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە. 
      قىزىم، ئائىلە ھەر ۋاقىت نېمەت ئەمەستۇر، بەزى چاغلىرىدا زەھىرى، تىكىنى، نەيزىلىرى ھەم بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغۇقچىلىق چۈسسە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن سۆزلە، قىزىرىشما، چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە، ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر. 
    قىزىم، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر. . . . . 
مەنبە: ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن ئېلىندى.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى