يايپاقلىق موگۇ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى
ۋاقتى: 2013-09-21
ئاۋاتلىقى: 797 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: يەتتە ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار
خۇرۇچلار: يايپاقلىق موگۇدىن 50 گرام، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن 60 گرام، باقىلە (كۆك پۇرچاق) دىن 30گرام، سۇيۇق كراخمالدىن 15 مىللىلېتىر، جياڭيۇدىن 5 مىللىلېتىر، ئىككى قوشۇق سۇ مېيى، بىر گرام تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. يايپاقلىق موگۇنى پاكىز يۇيۇپ، ھەر بىرىنى ئىككى پارچە قىلىپ توغرايمىز، باقىلەنى يۇيۇپ، سۇدا پۇشۇرىمىز، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
2. قازانغا سۇ مېيىنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ، ئوتتۇرھال ئوتتا قىزدۇرىمىز، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېلىپ قورۇيمىز، ئىككى يۈزى ساغارغاندا ئېلىۋالىمىز.
3. قازانغا ماينىڭ قالغان يېرىمىنى قۇيۇپ، قىزىغاندىن كېيىن موگۇنى سېلىپ قورۇيمىز، ئۈستىگە ئاز مىقداردا سۇ قۇيۇپ 23 مىنۇت قاينىتىمىز، موگۇ پىشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن باقىلەنى سالىمىز، ئازراق جياڭيۇ ۋە تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز، ئاخىرىدا سۇيۇق كراخمالنى ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىغاندىن كېيىن ئالساقلا بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق ئەسكەرتمىسى: بۇنىڭ ۋېتامىن ۋە كالتىسىي تولۇقلاش رولى بار.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
ئانىنىڭ بالىنى ئېمىتىشتىكى ئۈنۈم ئۇسۇللار