بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(2)
يانفوندا كۆرۈش
1. ئالىقىنىغا ئۇرۇش
مىسال: باشقىلار بىلەن بىلەن ئۇرۇشۇش، قالايمىقان نەرسە تاشلاش، ئوغرىلىق قىلىش
تەنقىد قىلىش ئۇسۇلى: گېزىتتىن قەغەز تاياق ياساپ، ئۇنىڭغا يەنە ئاق قەغەز ئوراپ ئۈستىگە ئەسكەرتىش تايىقى دەپ يېزىپ قويۇڭ ھەمدە ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قويۇپ قويۇڭ. ئەگەر ئۇ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشسا، قالايمىقان نەرسە تاشلىسا ھەتتا ئوغرىلىق قىلسا قەغەز تاياق بىلەن ئۇنىڭ ئالىقىنىغا ئۇرۇپ جازالاڭ.
تەكلىپ: تاياقنى كەيپىيات ياخشى ۋاقىتتا بالىڭىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ياساڭ، ئۇنىڭغا نېمىشقا بۇ ئەسكەرتىش تايىقىنى ياسايدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈڭ. بالىنى جازالىغاندا ئاۋۋال ئۇنى ئۆزىنىڭ قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇڭ، جازالىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتىڭ. بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، بالىنىڭ ئالىقىنى ۋە ساغرىسىغا ئۇرۇڭ، باشقا جايلىرىغا ئۇرۇشتىن ساقلىنىڭ.
2. ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش
مىسال: غەلۋە قىلىپ توختىمىغاندا، باشقىلار بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندا
تەنقىدلەش ئۇسۇلى: جازالاش رايونى تاللاپ ئۇ يەرگە بىر يۇمشاق تەگلىك ياكى ئورۇندۇق قويۇپ قويۇڭ، ئۇ رايونغا ئۆزىڭىز ئىسىم قويۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە قوڭغۇراقلىق سائەتنى توغرىلاپ قويۇپ ياكى ئالدىغا بىر سائەتنى قويۇپ قويۇپ، شۇ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇڭ.
تەكلىپ: جازالاش رايونى چوڭ ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا بولۇپ قالمىسۇن، ئورنى بەك كۆزگە چېلىقىدىغان يەردە بولمىسۇن، ۋاقىتنى بەلگىلەپ قويۇڭ، ياكى قانچىلىك ۋاقىت جازالىنىدىغانلىقىنى بالىنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بەلگىلەڭ. جازالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جازالانغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتقۇزۇڭ.