بوۋاقنىڭ ھەر قايسى مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى(1)
يانفوندا كۆرۈش
ئوخشىمىغان مەزگىلدە تۇرغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ، بوۋاق قانچە كىچىك بولسا ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى زاپاس مىقدارى ئاز بولۇپ، بوۋاقنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. ئەگەر بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، ياكى ھەزىم قىلىنىشى قالايمىقانلاشسا، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشكە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
1. ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى
بوۋاقنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىقى بەدەننىڭ ئاساسىي مېتابولىزمىنى، يېمەكلىكنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت رولى، ھەرخىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن باشقا يەنە بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا سەرپ قىلىنىدۇ.
بوۋاقلار ھەرىكىتىنىڭ خۇسۇسىي پەرقى ئىنتايىن يۇقىرى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ سەرپ قىلىنىشمۇ پەرقلىنىدۇ. ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش-قاندۇرالماسلىقىغا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ياش قانچە كىچىك بولسا، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى شۇنچە تېز ئۆرلايدۇ.
0.6* ئاي يېشى+تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى(kg)=يېرىم ياشتىن بۇرۇنقى بەدەن ئېغىرلىقى(kg)
0.5* (6-يېشى)+3.6+تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى(kg) = يېرىم ياشتىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقى(Kg)