بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يانفوندا كۆرۈش
ئەڭ مۇھىمى كەيپىياتنى كونترول قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ، مەيلى ئېھتىياتسىزلىقتىن ياكى قەستەنلىك بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى تەنقىد قىلغاندا بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ، يامان تەسىرلەر كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
1. بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. جازالاش قوراللىرى بەك قاتتىق ياكى ئېغىر بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
2. ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش كېرەك.
3. « جازا رايونى» كۆزگە كۆرىنەرلىك جايدا بولماسلىقى كېرەك.
4. تەربىيە جەريانىدا ئىشلەتكەن سۆزىگە، تەلەپپۇزىغا دىققەت قىلىش، بالىلارغا تەھدىت سالىدىغان، قورقۇتىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىق كېرەك.
5. جازانى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش، كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلماسلىق، يېنىۋالماسلىق كېرەك.
جازادىن كېيىن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشى، ئۇنىڭغا يەنىلا ئامراقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.