ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئايالنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتسا قانداق قىلىش كېرەك ؟

ھامىلىدار ئايالنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتسا قانداق قىلىش كېرەك ؟

ۋاقتى: 2015-11-24 ئاۋاتلىقى: 627 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەگەر سىزنىڭ پۇتىڭىزنىڭ پېيى تارتسا، تېزدىن كىچىك پۇتىڭىزنىڭ مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىسىز: پۇتىڭىزنى سوزۇپ، ئاستا-ئاستا پۇتىڭىزنى پاقالچاق سۆڭىكى تەرەپكە قارىتا ھەرىكەتلەندۈرىسىز. ئەلۋەتتە بېشىدا باشلىغاندا ئاغرىق ھېس قىلىسىز، بىراق، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق تارتىشىشنى ئازايتىسىز، ئاغرىقمۇ ئاستا- ئاستا يوقايدۇ.


سىز يەنە شۇ يەردىكى مۇسكۇللارنى ئۇۋىلاش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ئىسسىق سۇ قاچىلانغان گىرىلكىنى شۇ مۇسكۇل ئۈستىگە قويۇش ئارقىلىق تارتىشىپ قالغان مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئالدى-كەينىگە نەچچە مىنۇت مېڭىشمۇ پۇتنىڭ پېيى تارتىشىپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك ئوڭشاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەگەر پۇتىڭىزنىڭ پەي تارتقاندىكى ئاغرىقى داۋاملىشىۋەېسە قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئەگەر سىزنىڭ پۇتىڭىزنىڭ پېيى ئاندا-ساندا تارتىشىپ قالىدىغان بولماستىن، دائىم مۇسكۇللار ئاغرىپ تۇرسا، ياكى پۇتىڭىز ئىششىپ، تەگسىلا ئاغرىيدىغان بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشىڭىز كېرەك، بۇ بەلكىم تۆۋەنكى بەدەن ۋېنا قان تومۇردا قان نوكچىسى پەيدا بولغانلىقتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا داۋالىنىشىڭىز كېرەك. قان نوكچىسى بولۇپ قېلىش ئادەتتە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلسىمۇ، بىراق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە شۇنداق بولۇش خەتىرى يەنىلا ئازراق يۇقىرى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى