ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى

ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى

ۋاقتى: 2016-04-02 ئاۋاتلىقى: 559 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ھامىلىدارلىق 13-ھەپتىگە كەلگەندە، ھامىلە تېز سۈرئەتتە يېتىلىشكە باشلايدۇ، سۆڭەك بىلەن چىش قاتارلىقلارنىڭ يېتىلىشى كالتسىيغا ئېھتىياجلىق، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئانا كالتسىي تولۇقلاشنى باشلىسا بولىدۇ. 


جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى 2000-يىلى نەشرىدىن چىقارغان، ‹‹جۇڭگو ئاھالىسى ئوزۇقلۇق ماددا قوبۇل قىلىش مىقدارى پايدىلانمىسى››دا تونۇشتۇرۇپ، ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلدە كالتسىينىڭ مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش مىقدارى ھەركۈنى 800مىللىگرام، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 1000مىللىگرام، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە 1200مىللىگرام. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسلىھەت، ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن باشلاپ، ھەركۈنى كەم دېگەندە 250 مىللىگرام كالا سۈتى ياكى ئوخشاش مىقداردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بىراق چوقۇم ھامىلىدار ئانىنىڭ ھەركۈنى كالتىسىينى ئەڭ يۇقىرى قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ 2000مىللىگرام بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر كالتسىي بۇ مىقداردىن كۆپ بولۇپ كەتسە، ھامىلىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 
ھامىلىدارلىقنىڭ 13-ھەپتىسى نېمىنى كۆپ يېگەن ياخشى: ھامىلىدار ئانا  كالتسىي تولۇقلاشتا كالا سۈتى، ئىرىمچىك، توخۇ تۇخۇمى، پۇرچاق تۈردىكى مەھسۇلاتلار، لامنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك، كۈنجۈت، دېڭىز بېلىقى، كۆكتات قاتارلىقلارنى يېيىش كېرەك. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى