بالىلارغا تەرەت قىلىش مەشىقى ئېلىپ بېرىشتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار
يانفوندا كۆرۈش
بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ جەرياننى تېزلىتىشكە ئۇرۇنماسلىق، پەقەت كۆزىتىش ۋە يېتەكلەشنى ئاساس قىلىش.
بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەرەت قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى قارار قىلدۇرۇش، پەقەت ئەسكەرتىپ قويۇش، مەجبۇرلىماسلىق.
بالىلارنىڭ تەرىتىنى كونترول قىلالماسلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى بىر تەبئىي جەريان ئىكەنلىكىگە توغرا قاراش، ئەيىبلەش ياكى بىزار بولۇش تۇيغۇسىدا بولماسلىق.
بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىگە ئىنكاس بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىش لازىم. چۈنكى بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئۆزىنى كونترول قىلالاش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ.
ھەر قېتىم بالىلار تەرىتىنى كونترول قىلالىغان چاغدا ئۇلارنى ماختاش، ئۇلاردا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش.