بوۋاقنىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقنىڭ ئىككى پۇتىنى ئايرىپ، دۈمبە ۋە كاسا قىسمىنى تامغا چاپلاپ، پۇتىنى تامدىن سەل ئايرىپ تۇرغۇزۇش؛
ئويۇنچۇق ئارقىلىق ئۇنى جەلپ قىلىش. بۇنداق قىلغاندا ئۇ قولىنى ئېچىپ، پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇ چاغدىكى بەدىنىنىڭ ئىرغاڭلىشى پۇت كۈچى ۋە تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
قولتۇقىدىن يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاستا قولنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭغا ئۆزى تۇرۇشنى ھېس قىلدۇرۇش.
بىر قولىنى تارتىپ تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، پۇتىنى چېنىقتۇرۇش؛
ئەگەر ئۇ ئۆزى تۇرالىسا ۋاقتىدا مۇكاپاتلاش ۋە مەدەت بېرىش؛
ئەگەر بوۋاق مۇقىم تۇرالمىسا ئۇنى دەرھال يۆلەپ، بىرەر قېتىملىق يىقىلىش بىلەنلا تۇرۇشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
بىراقلا بەك ئۇزۇن تۇرغۇزۇپ ھاردۇرۇپ ۋە زېرىكتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش؛
بوۋاقنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن زىيادە ئەنسىرىمەسلىك، نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالدىرىماسلىق لازىم.