8 ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىش ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
8 ئايلىق بوۋاقلارنى بېقىش ھەققىدە
بوۋاقلار 8 ئايلىق بولغاندا، ئانا سۈتىنى ئاستا-ئاستا توختىتىشقا باشلاش كېرەك. بۇ ئايدا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويماسلىق، بىراق ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇۋالماسلىق، چۇقۇم كۆپ خىل يېمەكلىكنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئانىنىڭ ئىمىتىش قېتىم سانى 3~ 4 قېتىم بولۇش، بىر كۈنلۈك سۈت مىقدارى 600~800 مىللىلېتىر بولۇشى، قوشۇلىدىغان قوشۇمچە يېمەكلەردىكى ئاشلىق تۈرىدىكىلەردىن گۈرۈچ ۋە ئۇن، پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن دۇفۇ ۋە دۇگەن ئاساس بولۇشى، ھەركۈنى بىر تۇخۇم، گۆش ۋە بېلىق ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن 50~75 گىرام بولۇشى كېرەك. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ يۇمشاق بولغىنى ياخشى، ھەر كۈنلۈك تاماق رىسالىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەر كۈنلۈك تاماقنىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۇزۇقلۇق ماددىلار
بۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئېنىزىملىرى ئاللىقاچان قويۇپ بېرىلىپ بولغان بولىدۇ، ھەر كۈنلۈكى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئاقسىل مىقدارى 2.3 گىرام، شۇڭا بوۋاقلارنى ئاقسىل ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى، گۆش مەھسۇلات ۋە بېلىق بىلەن بېقىش كېرەك.