ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھەزىم قىلىشى ناچار بالىلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

ھەزىم قىلىشى ناچار بالىلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

ۋاقتى: 2015-06-19 ئاۋاتلىقى: 1059 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەزىم قىلىشى ناچار بالىلارنىڭ تاماق تىزىملىكى

ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق – كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. ئاساسلىقى ئاشقازان، ئۈچەي يولىدىن ئاجرىتىپ چىقارغان ئىنزىمنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ياكى لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان  ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىش ۋە توسالغۇغا ئۇچرىشى. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بالىلارنىڭ ئاساسلىقى ئىشتىھاسى ناچار بولىدۇ، بەدىنى ئورۇق، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولىدۇ ھەتتا قايتا – قايتا ئىچى سۈرىدۇ.  ھەزىم قىلىش ناچارلىقنى كەلتۈرۈپ بىۋاستە سەۋەپ، كۆپىنچە، يېمەكلىكنى تىزگىنلىمەسلىكتىن، كۆپ يەۋېلىپ، ئاشقازان، تالنى زەخمىلەندۈرگەنلىكتىن، ھەزىم قىلىش، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كىچىك بالىلارغا  ھەر كۈنى مۇۋاپىق ۋاقىت ، مۇۋاپىق مىقداردا تاماق بېرىلىشى كېرەك. ھەرگىز  ئۆردەك بودىغاندەك بىر ۋاقىتتا جىق بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تال ۋە ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بالىلار  ئۇماچ، شوۋىگۈرۈچكە ئوخشاش ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، مايلىق، ئاچچىق، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. تۆۋەندىكىسى ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدىغان يېمەكلىكلەر تىزىملىكى ، پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

سەۋزە قايناتمىسى

ماتېرىيال: سەۋزە 100 گرام، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا
ئېتىش ئۇسۇلى: سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغرايمىز. قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ ئېسىپ، توغرىۋالغان سەۋزىنى سېلىپ، پىشىپ ئېزىلىپ كەتكۈچە قاينىتىمىز، ئاندىن قارا شېكەرنى سېلىپ، قاينىغاندىن كىيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
رولى: تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ. سەۋزە تەركىبىدە ۋىتامىن مول، بولۇپمۇ ۋىتامىن Aنىڭ مىقدارى بەك كۆپ، يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن B، فۇلىن كىسلاتاسى(يوپۇرماق كىسلاتاسى ) قاتارلىقلار بولۇپ، " ئاۋام پۇقرانىڭ ئادەمگىياسى" دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەمى تاتلىق، خۇسۇسىيتى مۆتىدىل بولۇپ، تالنى كۈچەيتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېگە. كىچىك بالىلاردىكى ئاشقازان، تال ئاجىزلىشىشتىن كېلىپ چىققان ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى داۋالايدۇ.

تېرىق پىچەككۈل قايناتمىسى


ماتېرىيال:
تېرىق 50 گرام، پىچەكگۈل 25 گرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا
ئېتىش ئۇسۇلى:
تېرىقنى پاكىز يۇيۇپ، پىچەكگۈلنى ئاقلاپ، يۇيۇپ، ئۇششاق توغرىۋالىمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئېسىپ، تاييارلىۋالغان تېرىقنى ۋە پىچەكگۈلنى سالىمىز. سۇس ئوتتا ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىمىز، ئاندىن ئاق شېكەر سېلىپ، تەمى تەڭشەلگۈچە قايناتساق تەييار بولىدۇ.
رولى:
تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەن كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئىشلىتىلگەن تېرىق تال ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. پىچەكگۈل بولسا ئاشقازان تالنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، بۆرەكنى ئاسرايدۇ. دائىم يەپ بەرسە كىچىك بالىلارنىڭ  ھەزىم قىلىش ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

گۈرۈچ موگو قايناتمىسى


ماتېرىيال:
گۈرۈچ 50 گرام، قىشلىق موگو 50 گرام، توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى 5 گرام
ئېتىش ئۇسۇلى:
گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، موگونى ئاقلاپ، يۇيۇپ، ئۇششاق ئۇششاق پارچىلىۋالىمىز، توخۇ تاشلىقىنىمۇ پاكىز يۇيۇپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئېسىپ، تەييارلىۋالغان گۈرۈچ، توخۇ تاشلىقىنى سېلىپ ئۇماچسىمان ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىمىز. ئۇنىڭ سۈيىنى ئايرىۋىلىپ ،موگو بىلەن بىللە ئېزىلىپ كەتكۈچە قاينىتىپ،بۆلۈپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
رولى:
ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، تاماقنى سىڭدۈرىدۇ. ئىشلىتىلگەن گۈرۈچنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەش رولى بار. توخۇ تاشلىقى بولسا ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. موگونىڭمۇ تال ۋە ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. ئىشتىھانى ئېچىش رولى بولغانلىقتىن ، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە بالىلاردىكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىققا داۋا قىلىدۇ.

دولانە توقىچى

ماتېرىيال: دولانە 300 گرام، پىچەكگۈل 300 گرام، ئاق شېكەر يېتەرلىك مىقداردا
ئېتىش ئۇسۇلى: دولانىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى چىقىرىۋىتىپ، پاكىز يۇيىمىز؛ پىچەكگۈلنى ئاقلاپ، پاكىز يۇيۇپ، توغرىۋالىمىز. ئاندىن تەييار بولغان دولانە ۋە پىچەكگۈلنى قاچىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، قاسقانغا سېلىپ پىشۇرۇپ ، توقاچ ھالىتىگە ئەكىلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
رولى: تالنى كۈچەيتىپ، توختاپ قالغان نەرسىلەرنى ھەيدەپ، ئىچكى ئەزالارنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازاننى كۈچەيتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، دولانە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C  ۋە كىسلاتالىق ماددىلار بولۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئاشقازاندىكى ئىنزىملارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، پىچەكگۈل تالنى كۈچەيتىپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ.

ئىككى خىل گۈرۈچلۈك شوۋىگۈرۈچ

ماتېرىيال: تېرىق 50 گرام، گۈرۈچ 25 گرام
ئېتىش ئۇسۇلى: تېرىق ۋە گۈرۈچنى ئايرىم – ئايرىم پاكىز يۇيۇپ، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئېسىپ، گۈرۈچ ۋە تېرىقنى سالىمىز، ئاۋال يۇقىرى ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، سۇس ئوتتا پىششىق پىشۇرساقلا بولىدۇ، ئاندىن نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئىچسە بولىدۇ.
رولى: ئاشقازان ۋە تالنى كۈچەيتىدۇ، گۈرۈچ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەك بولغان كراخمال، ئاقسىل، ماي، ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، تەمى تاتلىق، تەبئىتى مۆتىدىل كېلىدۇ. تېرىق تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ماي بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ . بۇ ئىككى خىل گۈرۈچتە قىلغان شوۋىگۈرۈچنى كۆپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى