ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئائىت ساۋاتلار

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئائىت ساۋاتلار

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 685 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئائىت ساۋاتلار

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بولسا قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولماسلىقتىن ياكى قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق تولۇق سۈمۈرۈلمەسلىكتىن، بەدەندىكى ئېنىرگىيە تۆۋەنلەپ، نورمال بولغان مىتابولىزىمنى داۋاملاشتۇرالماي، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ياكى ئاشماسلىق، ئۆسۈپ يېتىلىشى توختاپ قېلىش، مۇسكۇل يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەم ئاقسىل ئېنىرگىيەسى يېتىشمەسلىك تىپىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۆپىنچە 3 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.

بوۋاقلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى

تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ئامىللار بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئامىللاردىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇ خەتەرلىك ئامىللار بولسا:
پارازىت قۇرت: پارازىت قۇرتلار بالىنىڭ بەدىنىگە كېرەكلىك قۇۋۋەتنى خورىتىۋەتكەنلىكتىن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پارازىت قۇرتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال بولسا يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. يەنى تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كىيىن چوقۇم قولنى يۇيۇش، ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان بويۇملارنى دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇش، مېۋە- چېۋىلەرنى يېگەندە پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئاقلاپ يېيىش.

تاماق تاللاش: تاماق تاللايدىغان بالىلار مول ۋە تولۇق بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توغرا بولغان ئۇسۇل بولسا ئاتا- ئانىلارنىڭ توغرا بولغان يېتەكلىشىدۇر.

كەيپىياتى ياخشى بولماسلىق: بالىنىڭ كەيپىياتىلا ئوزۇقلۇق ۋە سالامەتلىككە تەسىر قىلىپلا قالماي يەنە ئاتا- ئانىلارنىڭ كەيپىياتىمۇ ۋاسىتىلىق ھالدا بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ناچار كەيپىيات ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ-دە، ئوزۇقلۇقلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا- ئانىلار تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كىيىن بالىنى ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك، بۇ ئارقىلىق ياخشى بولغان كەييپىياتتا تاماق يېيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى: يېتىپ قوپۇش، تاماق يېيىشى قارارسىز، قالايمىقان،بىر قېتىمدا كۆپ يەۋالىدىغان قاتارلىقلار ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى. ئۇنى ئۆزگەرتىشتە ئاساسلىقى ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى ئارقىلىق بالىغا تەسىر كۆرسىتىش، ئۇندىن كېيىن بالىدا ئاز- ئازدىن بولسىمۇ ياىشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ بالىغا بىر ئۆمۈرلۈك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

بوۋاقلاردىكى  ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى

ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، بويى ۋىجىك بولىدۇ. تېرىلەردىكى تۈكلەر پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ، مۈڭگۈز پەردە ئاقۇچ كېلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئاشمايدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن، بالىلاردا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولىدۇ، مەسىلەن: راخت كېسىلى، ھەر خىل يۇقۇملىنىش، ئىچى سۈرۈش، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، بۆرەك جامى- بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلار. خىمىيىلىك تەكشۈرۈشتە يەنە بالىلاردىكى قان ئازلىق ئالامىتى بايقىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى