بوۋاقنىڭ پۇت-قول ھەرىكىتىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى ھەققىدە
ۋاقتى: 2016-10-05
ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، چېنىقتۇرۇشقا سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا بوۋاقنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى زور بولۇپ، قول-پۇت ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەرتىپتە چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق كېيىنكى مۇرەككەپ ھەرىكىتىگە ياخشى ئاساس سېلىشقا بولىدۇ.
2-3 ئايلىق بوۋاقلارغا داۋاملىق پاسسىپ گىمناستىكا ئىشلىتىش(چوڭلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئورۇندىلىدىغان بوۋاقلارنىڭ پۇت-قول ھەرىكىتى)
گەرچە بۇ ۋاقىتتا بوۋاق بېشىنى كۆتۈرەلىسىمۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارى ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقتىن، پاسسىپ گىمناستىكا ئارقىلىق قول-پۇت ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ.
Tags: