ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 867 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى

بالىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئالدى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك ئاستا بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ . بىراق، بەزى بالىلار كۆپ يېسىمۇ، كۆپ خىل ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئىنتايىن ئورۇق بولىدۇ.  گەرچە بۇ بالىلار ئورۇق بولسىمۇ بىراق ساغلام ھەم جانلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلۇق يېتىشكەن ياكى يېتىشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بالىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكى، روھىي كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى. ئەگەر ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بولسا، تېرىسىنىڭ پارقىراقلىقى يوقاپ، قارىداپ قالىدۇ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ، مۇسكۇللار بوشىشىدۇ.  كىشى روھىي چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.  تولىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئىچى سۈرىدۇ، ھەم ئاسانلا زۇكام ۋە باشقا كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ. 

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى داۋالاش

جوڭگو تىبابىتى بويىچە داۋالاش

يىلانبېلىق بىر تال، توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى 10 گرام، يىلانبېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ، پارچىلاپ چىنىگە سېلىپ، توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسىنى قوشۇپ، ھورداپ پىشۇرغاندىن كىيىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقى 30 گرام، توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى 10 گرامنى قوشۇپ قاينىتىپ، تەمىنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

ئادەم سۈتىنى ئارپا ئۈندۈرمىسى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ. 

دولانىدىن بىر نەچچە تالغا، قارا شېكەردىن ئازراق قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ. 

قىممەتلىك گىياھتىن 60 گرامنى پۇرچاق بوتقىسى بىلەن دۈملەپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

غەرب  تىبابىتى بويىچە داۋالاش

داۋالاش مەزگىلىدە تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ۋە ۋىتامىن B تۈرىدىكى دورىلارنى بېرىش كېرەك.  قوشۇمچە (نەندرولون فېنىل پروپىئون)دىن 25 گرامنى مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرىمىز، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم، يەنە مۇۋاپىق ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. 

ئادەتتە بوۋاقلار ئېمىتىلىۋاتقان ۋاقىتتا كالا سۈتىگە ساخاروزا ۋە ئۆسۈملۈك مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر يېشى سەل چوڭ بالا بولسا يەرلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئىنىرگىيەسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، ئەگەر ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىسە، دەسلەپتە ھەر كۈنى ھەر كىلوگرامغا 190 كالورىيەدىن بارا-بارا 200 كالورىيەگە كۆپەيتىشى كېرەك.  مالتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلار سۈتتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. 

ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم قان سالدۇرۇش، قان پىلازمىسى سالدۇرۇش كېرەك، ۋىنا تومۇرىغا ياكى مۇسكۇلغا سالدۇرسىمۇ بولىدۇ. 

جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللەرگە بۆرەك ئۈستى بەز ھورمۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

جىگەر، ئاشقازان، شىنجۇ پەللىسىگە يىڭنە سانجىپ كۈچلۈك غىدىقلاش ئارقىلىق داۋالىسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى