كىملەردۇر كىملەرنىڭ يەنە كىملەرنى
كۈنلەر ئۈتىدۇ. مەن ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرىۋاتقان مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن بۇۋاق تۇغۇلىدۇ، نۇرغۇنلىرى كۆزىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ دۇنيادا ياشاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ يېڭى بىر دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ …
ۋاقت ئۆتىدۇ. مەن ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرىۋاتقان مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن ئادەم توقلۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئاچلىقتىن زارلاۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئادەم قەھەتچىلىكتىن قۇرۇپ قاقشال بولىۋاتقاندا، نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىۋاتىدۇ…
تۇرمۇش داۋاملىشىدۇ. مەن QQ دا پاراڭلىشىۋاتقان دەل مۇشۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە 360 بىر چەتتە قاراپ تۇرىدۇ. يەنە كىملەردۇر مېنىڭ QQ دا يازغان سۆزلىرىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كىتىدۇ. يەنە كىملەردۇر ماڭا ئېچىنىپ يىغلاپ كىتىدۇ. يەنە كىملەردۇر قىزىل يېشىل قەغەزلەرنى ساناش بىلەن ئاۋارە …
كۆزلەر ئېكرانغا ئەسىر. ئېكرانىمنىڭ بىر بۇرجىكىدە كىملەردۇر كىملەرنىڭ خۇتۇنىنىڭ تاپتىن چىققانلىقىنى سۆزلىمەكتە. كىملەردۇر كىملەرنىڭ قۇچقان زەپەرلىرى ئۈچۈن ئۈچەي باغرى ئېچىشىپ غەيۋەت قىلماقتا. كىملەردۇر كىملەرنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماقتا. كىملەردۇر يەنە كىملەرنىڭ كىملەرنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكى ھەققىدە كىملەر بىلەن تۈگىمەس تۆھمەت، غەيۋەتلەر بىلەن مەشغۇل بولماقتا.
تۇيۇقسىز توك كەتتى، ئېكران ئۆچتى. ھەممە بىراقلا غايىپ بولدى. مەن يەنىلا مەن! زەردە بىلەن ئۈستەلگە مائۇسىمنى ئۇرۇپ، ۋاقتسىز كەتكەن توكنى ئاغزىمنى بۇزۇپ تازا تىللىدىم.
قۇرساق ئاچقان. كۆزلەر مۈگدىگەن. ئوخشىغان تاماق ۋە راھەت كارۋات …
كىيىنكى: قۇرۇقلۇق ئەسلى مۇشۇنداق پارچىلىنىپتىكەن (Ice Age 4)
2011/01/09 18:16:29
ئەبجەش خاتىرە يازسىمۇ بولىدىكەن جۇمۇ
2011/01/10 09:22:59
ئەبجەش ئەمەسلەرنى يازالمىغاندىكىن مۇشۇنداق يېزىلىپ قالىدىغان گەپكەن
2011/01/12 18:46:42
بەزىدە بەك قاينىغاندىن يىلىمان تۇرغانمۇ ياخشى
2011/04/21 23:14:02
شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە خىيال قۇشۇم ھەممە يەردە لەيلەپ يۈرۈيدۇ، مەن ئۆزۈم ئەمەستەكلا………….
مەن كىمدۇرمەن؟ نېمە قىلماقچى؟………….
يەر شارى ئۆز ئوقىدا بىر خىل رېتىمدا ئايلانماقتا، مەن بۇ ئوقنىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپلار يۈرۈيمەن………
2011/06/23 19:58:31
يازغۇچى بولساڭ مەمىتىمىن ھوشۇردىن قىلىشمىغۇدەككەنسەن،كۆمۈلۈپ قاپسەن