قەلبىمىزدە ئۈمىد چىرىقى
-
قەلبىمىزدە ئۈمىد چىرىقى
ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 558 قېتىمقەدىرلىك دوستلار، قايسى بىر ئەدىپ «قۇياشقا كەينىڭنى قىلىپ تۇرغىنىڭدا سېنىڭ كۆرەلەيدىغىنىڭ پەقەتلا ئۆزۈڭنىڭ سايىسى بولىدۇ خالاس» دىگەن ئىكەن. ھايات يوللىرىمىزدا ھەرخىل ئەگىر- توقايلىق ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرگە يولۇقىمىز. لېكىن قەلبىمىزدە ئۈمىد چىرىقى ئۆچمەيدىكەن ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيمىز.يانفوندا كۆرۈش
مۇنداق بىر ھىكايە بار:
بەش كىشى بايلىق ئىزدەش تاماسىدا بىر گورۇپپا بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىنىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. ناھايتى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن ئوزۇق- تۈلۈكى، سۇ ۋە تاقىتى تۈگەپ، يول باشلىغۇچى يىلاندىن زەھەرلىنىپ يىقىلىپتۇ. يول باشلىغۇچى زەھەرلىنىپ ئۆلۈش گىردابىدا تىركىشىۋاتقان بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ توغراق ياغىچىدىن بىر كىچىك ساندۇق ياساپتۇ ۋە قالغان تۆتەيلەنگە قانداق قىلسا قىلىپ بۇ جاڭگالدىن قۇتۇلۇپ بۇ ساندۇقنى كىرۇرەن ئاقساقىلىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى، ئەگەر بۇ ساندۇقنى ئاقساقالغا تاپشۇرۇپ بېرەلىسە ئۇلارنىڭ ئالتۇندىنمۇ قىممەت بىر نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئاخىرى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ.
يول باشلىغۇچىنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن، قالغان تۆت كىشى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن يول مېڭىش تېخىمۇ تەسكە توختاپتۇ. ساندۇق تېخىمۇ ئېغىرلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرىدىغان كۈچىمۇ قالماپتۇ. ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا ئۇلار ئاق كۆڭۈل يول باشلىغۇچىنى، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ، يەنىلا غەيرەتكە كەپتۇ- دە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپتۇ. ئاخىرى ئۇلار قۇملۇقتىن چىقىپتۇ ۋە ھىلىقى ساندۇقنى كىرۇرەن ئاقساقىلىغا تاپشۇرۇپتۇ .
- بالىلىرىم، دەپتۇ كىرۇرەن ئاقساقىلى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:- بۇ ياغاچ ساندۇق بولمىغان بولسا، سىلەر قۇملۇقتىن چىقالمىغان بولاتتىڭلار، بىلىڭلاركى، يول باشلىغۇچى سىلەرگە قالدۇرغان ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك نەرسە دەل سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر،- دەپتۇ.
- شۇنداق، ھەرقانداق ئادەم قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا، ئاسانلا ۋاز كېچىشنى ئويلايدۇ. پەقەت كىشى ئىرادىلىك بولغاندىلا تاغدەك قىينچىلىق ئالدىدىمۇ يىقىلىپ چۈشمەيدۇ. بۇ يول باشلىغۇچى ئەقىل- پاراسەتلىك كىشى بولغاچقا، ئۇ سىلەرنى قۇملۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلغان. ئۇنىڭ قالدۇرغىنى پەقەت بىر توغراق ياغىچىدىن ياسالغان ساندۇق ۋە قۇرۇق ۋەدە. بۇ نەسىلەر تەكتىگە يۇشۇرۇنغىنى بولسا چەكىسز ئۈمىد ۋە ئارزۇ- دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ كىرۇرەن ئاقساقىلى.
Tags: ئۈمىدتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بەخت ھەققىدە
2015-11-12 22:23:06989شۇنداق بىر ھېكايە
2015-08-30 15:29:07714يان تېلېفوننى كېچىچە زەرەتلەشكە بولامدۇ؟
2015-09-10 14:53:31590ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلەردە ئەكىس ئەتكەن خاس ئەنئەنىۋى
2015-08-31 15:57:53770بەخت كېلىدۇ -مۆمىنجان ئابلىكىم
2015-12-08 15:31:311367تۇرمۇش يېڭىلىققا مۇھتاج
2015-11-18 21:17:28962تەشتەكتىكى گۈل
2015-10-26 13:17:20710قوي ۋە ئىنساننىڭ ساغلاملىقى
2015-12-30 14:58:231028
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-