ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى
-
ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى
ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 537 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى
@ ئىنتېل شىركىتى 1968 - يىلى روبېرت . نويىس (Noyce Robert)، گوردون مور (Moore Gordon) ۋە ئەندىي . گروۋ (Grove Andy) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 1971 - يىلى يەر شارىدا تۇنجى بولۇپ مىكرو تېخنىكىسىنى كەشپ قىلىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان، شۇنداقلا دۇنيا تورى ۋە كومپيۇتېر ئىنقىلابىنى قوزغاپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ سانائىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئىنتېل شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا داڭق چىقىرىپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا باشلامچىلاردىن بولۇپ قالغان، بۇ شىركەت ھازىر 44 يىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار يېتەكلەش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، 100 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىسى بار.@ئىنتېل شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، شىركەت رەھبەرلىرى خىزمەتچىلەرنى تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېلاستىكىلىقى بار ئىجرا لايىھەلىرى ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى كىچىكلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ، بۇ جەرياندا تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە يېتەكلەيدۇ.
@ھازىرقى ئىنتېل شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرى مەسئۇلى خۇڭلى 1999 - يىلى ئىنتېل شىركىتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باش تېخنىكا مەسئۇلى بولغانىدى. ئىنتېل شىركىتىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى خىزمەتچىلەرنى تەۋەككۈلچىلىك ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈندەش ئەندىزىسى ئۇنىڭ ئېسىدىن ھازىرغىچە چىقىپ كەتمىدى. ئەينى ۋاقىتتا خۇڭلى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيتتى. بىر يىلدىن كېيىن باش تېخنىك ئۇنىڭغا :«مېنىڭچە سىزنىڭ خىزمەت ۋەزىپىڭىز ئاز بولۇپ قاپتۇ» دېدى، خۇڭلى شۇنچە بېرىلىپ ئىشلەۋاتسام قانداق قىلىپ ۋەزىپەم توشمايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى. دىرېكتور جون ئۇنىڭغا: <<سىز ھەقىقەتەن جاپالىق ئىشلەۋاتىسىز، بىراق مەن سىزنىڭ بىر يىل ئىچىدە خاتالىق سادىر قىلغىنىڭىزنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىدىم، بۇنداق بولۇۋېرىشىنى قوبۇل قىلالمايمەن، چۈنكى سىز پەقەت ئۆزىڭىز بىلىدىغان، ئۆزىڭىز رازى بولىدىغان ئىشلارنىلا قىلىپ كەلدىڭىز، بىرخىللا ئىش تۈرىگە بەنت بولۇپ، باشقا پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدىڭىز، يېڭىلىق يارىتىدىغان پۇرسەتلەرنى تۇتالمىدىڭىز>>، دەپ چۈشەنچە بەردى.
@پەنەسونىكنىڭ قۇرغۇچىسى كونوسۇكى ماتسۇشىتا مۇنداق دېگەن: «بىر كارخانا ئالدى بىلەن ئادەمنى <ياسىشى>، ئاندىن مەھسۇلات ياسىشى كېرەك. ئادەم <ياساش> بىلەن ماركا يارىتىشنىڭ بىردىنبىر قورالى مەدەنىيەت» .دېمەك، مەدەنىيەت بىر كارخانىنىڭ جېنى، ئۇ كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە كېڭىيىشىنى بەلگىلەيدۇ.
@ئومۇمەن، كارخانا --كارخانا مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كارخانا- مەدەنىيەتكە تېخىمۇ موھتاج بولىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتىنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ياراتقىلى بولمايدۇ. كارخانىچىلار كەسىپ ۋە كارخانىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆزىگە مۇناسىپ كارخانا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشى؛ بىخلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كارخانىلاردا بۇرمىلاپ كىرەلەيدىغان، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان قىزغىنلىق بولۇشى؛ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان كارخانىلار ئىشچى - خىزمەتچىلەردىكى بوشاڭلىق ۋە كارخانىنىڭ پەسىيىشكە يۈزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
IntegratedElectronics
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق
2015-12-30 15:49:32990ئائىلە ئىناقلىقى ھەققىدە تەرمىلەر
2015-08-31 13:17:02578تەۋەككۈلچىلىك
2015-12-03 22:25:55836بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل
2015-09-03 15:57:03515تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈ
2015-10-17 15:41:13708ئانىلارغا .....
2015-08-31 12:51:09694دەرتلىرىڭىزنى كەينىڭىزگە تاشلاپ، ئالدىڭىزغا بېقى
2015-09-19 15:18:591161ئۈرۈمچى ----خەلقئارا چوڭ بازىر
2015-09-02 10:28:431041
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-