ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك داھىي موھانداس كامراچاند گاندى
-
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك داھىي موھانداس كامراچاند گاندى
ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 635 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك داھىي موھانداس كامراچاند گاندى
@ موھانداس كامراچاند گاندى 1869-يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان، شۇ چاغدىكى ئۆرپ-ئادەت بويىچە ئۇ 13 يېشىدىلا توي قىلغان. 1888-يىلى 9-ئايدا، 19 ياشلىق گاندى پاراخوت بىلەن ئەنگىلىيەگە بېرىپ، ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئادۋوكات بولىدۇ. گاندى ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپلا جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، بىر دېلونى بىر تەرەپ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، دەل مۇشۇ كەچۈرمىش ئۇنىڭ ھايات يولىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
@ شۇ يىللاردا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھىندىستانلىقلار ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ھىندىستانلىقلارنىڭلا سايلاش ھوقۇقى بار ئىدى. گاندى سەپەر جەريانىدا ئاق تەنلىكلەر رايونىدا ئولتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن، بىر قېتىم پويىزدىن، يەنە بىر قېتىم ئاپتوبۇستىن تاشلىۋېتىلىدۇ. بۇنداق ئادالەتسىزلىكتىن غەزەپلەنگەن گاندى بىر تەشكىلات قۇرۇپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ ھەم ناھايىتى تېزلا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ داھىيسى بولۇپ قالىدۇ.
@ ھىندىستانلىقلارنىڭ باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان 20 يىللىق كۈرەش جەريانىدا، گاندى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىپ سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلىدۇ، كېيىن ئۆزى «ھىندىستان جامائەت پىكىرى» ناملىق بىر ژۇرنالنى تەسىس قىلىدۇ. گاندى ھىندىستانغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىكتىن باشقا ئىرقتىكىلەرگە پايدىسىز بولغان بىر قىسىم قانۇن-نىزاملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، قانۇندا 8 ياشتىن ئاشقان بارلىق ھىندىستانلىقلارنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئېلىپ يۈرۈشى بەلگىلىنىدۇ، ھىندىستانلىقلار بۇ «يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى قانۇنى»نى ئادىل بولمىدى دەپ ئەيىبلەيدۇ، بەزىلەر نارازى بولۇپ، يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار قولغا ئېلىنىدۇ، يەنە بىر قىسىم نامايىش قىلغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاخىرى ھىندىستانلىق ئاھالىلەر قوزغىلىپ كەتكەنلىكتىن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھۆكۈمرانى يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گاندى ئىرقىي كەمسىتىشكە زورلۇق ئىشلەتمەي قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ تۇنجى غەلىبىسىگە ئېرىشىدۇ.
@ گاندى 1915-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەھرىمان دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 32 يىل ئىچىدە، ئۇ ئىنسانىي ھوقۇق ئۈچۈن، خوجايىنىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەسىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستانغا قارىتىلغان مۇستەملىكىچىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھىندىستاننى مۇستەقىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. گاندى ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى تۈپەيلى نۇرغۇن يىللارنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، سىياسىي كۆز قارىشىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر ئىدى. گاندى ھىندىستانلىقلارنى ئۆزلىرى رەخت توقۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ رەختلىرىنى سېتىۋالماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. گاندى يەنە بىر قېتىم نەچچە مىڭ ئادەمنى باشلاپ دېڭىز ساھىلىغا يۈرۈش قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دېڭىز بويىدا ئازراق ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش ئىدى. شۇ يىللاردا پەقەت ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭلا ئاش تۇزى سېتىش ھوقۇقى بولۇپ، تۇزدىن باج ئېلىناتتى، شۇڭا گاندى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۆزلىرى تۇز ئىشلەپچىقىرىشقا چاقىرىدۇ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، گاندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60مىڭ ئادەم تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ گاندىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ تۇز ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سېتىشىغا ئىجازەت قىلىنىدۇ.
@ شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى يەنە كۆپ قېتىم كۆرەش قىلىنىدۇ، 1947-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھىندىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ، لېكىن بەش ئايدىن كېيىن، گاندى ئۆزىگە قارشى تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قەست قىلىشىغا ئۇچراپ، 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەخلەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىمىز
2015-08-27 19:55:25498ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك داھىي موھانداس كا
2015-09-12 15:43:39635تەشتەكتىكى گۈل
2015-10-26 13:17:20707تۇرمۇش يېڭىلىققا مۇھتاج
2015-11-18 21:17:28955مۇكەممەللىك ھەققىدە
2015-08-29 07:45:15747ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن
2015-10-28 15:58:54673دەرتلىرىڭىزنى كەينىڭىزگە تاشلاپ، ئالدىڭىزغا بېقى
2015-09-19 15:18:591050سىز كۆزەينىكىڭىزنى قانداق ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-11-16 22:41:281574
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-