خىيالى ھامىلىدارلىقنى بالدۇر داۋالاش
ۋاقتى: 2016-02-19
ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاياللار توي قىلىپ ئۇزۇنغىچە ھامىلىدار بولمايدۇ، بىراق ھامىلىدار بولۇشنى بەك ئۈمىد قىلىدۇ، پۈتۈن خىيالى پەقەت بالا ئېمىتىشتىلا بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەيزنىڭ توختىشى، ئېغىر بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش قاتارلىق ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدۇ، ھەيز توختاپ 4-6 ئايغىچە ئۆزىدە خۇددى بوۋاق مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قورساقنىڭ ماي قەۋىتى كۆپىيىپ، قورساق كۆپۈپ چىقىدۇ، مانا بۇ ئاتالمىش «خىيالى ھامىلىدارلىق»دۇر، بىراق ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ھامىلىدارلىق ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك. بالا ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، ئەر-ئايالنىڭ تېنى ساغلام، روھى كۈچى ئۇرغۇپ تاشقان، كەيپىياتى ياخشى چاغدا، تۇخۇم ۋە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، سۈپەتلىك تۇغۇشقا پايدىلىق. شۇڭلاشقا ساغلام ۋە خوشال-خۇرام كەيپىياتنى، ساغلام روھى ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ساقلاش ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، ئائىلىنىڭ كەيپىياتى جۇشقۇن ۋە ئىناق بولغاندا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇدا خاتىرجەم، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، شۇنداقلا بالىنىڭ ئەقىللىق ۋە ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.