قوياش رادىياتسىيەسى ۋە ھامىلىدارلىق
ۋاقتى: 2016-05-20
ئاۋاتلىقى: 846 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، قوياش ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان فىزىكىلىق تەسىر ۋە زىيانلىق رادىياتسىيە كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنىڭ غەيرى ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىگەن. چۈنكى قوياش قارا دېغى پارتلىغان چاغدا قويۇپ بېرىلگەن كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇر ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېقىمى سىزىقلىق رادىياتسىيە ھاسىل قىلىپ، يەر ماگىنىتىنىڭ پارتلىشى، ئىيونلۇق قەۋەتنىڭ تەۋرىشى ۋە تەبىئەتتىكى ھاۋا، تېمپېراتۇرا، مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ بىر قاتار ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى چوڭ زەربىلەرنى بېرىدۇ، بولۇپمۇ كۆپىيىش ھۈجەيرىسىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تورمۇزلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بالا تېپىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.