ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 769 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئۈچ ئاي، ھەتتا ئالتە ئاي بۇرۇنلا ھامىلە تەربىيەسى باشلىنىپ بولىدۇ، شۇڭا ھايات ھامىلىنىڭ ئۆمرى پەقەت 10 ئايلا ھېسابلانمايدۇ. ئەڭ ياخشى شارائىت ئاستىدا ئەڭ ساغلام، ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلىنىشقا باشلايدۇ. ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئىلغار گېن تىپى، مەسىلەن: چىراي شەكلى، ئەقلىي ئىقتىدارى، خاراكتېرى، ساغلاملىق ئەھۋالى قاتارلىقلار. ئۇرۇقلىنىش مەزگىلىدە يۇقىرى سەۋىيەدە بىرلىشىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، كالتسىي، سىنك قاتارلىق ماددىلارغا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارغا ئارگىنىن ۋە كۆپ خىل ۋېتامىن قاتارلىقلارغا موھتاج بولىدۇ. ئەگەر تاماق تاللىغاندا، يېمەكلىك تەركىبىدىكى بۇ خىل ئېلېمېنتلار كەملەپ كېتىدۇ، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ياكى بىر قىسىم سۈپەتسىز ئىسپېرمىلار ھاسىل بولۇپ قالىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىن يېرىم يىل ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ ئۆزىدىكى ئىچكى شارائىتنى ياخشى ھازىرلىشى كېرەك. يوپۇرماق كىسلاتاسى، سىنك، كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. ئورۇق گۆش، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، بېلىق، راك، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يېڭى كۆكتات، يېڭى مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئەر تەرەپ يىلانبېلىق، لاييېگەك، قۇشقاچ، كەپتەر، كەرەپشە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم.


ئەلا سۈپەتلىك ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
لامنارىيە (海带) رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە بولغان بىرىكىش كۈچى بار بولۇپ رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ چوڭ تەرەت ئارقىلىق تەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىپ قىلىشى ئازىيىدۇ، ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالاردا بىنورماللىق پەيدا قىلىدىغان ماددىلارمۇ ئازىيىدۇ.

ئەتىيازلىق كۈدە (جۈسەي): يەنە بىر ئاتىلىشى قۇياش ئوتى، تەركىبىدە ياغ مىقدارى ئىنتايىن مول، سۇلفىدلار، ئاقسىل، سېللۇزا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىمۇ ناھايىتى مول. باھنى قۇۋۋەتلەپ ئىسپېرمىنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ساپ سېللۇزا تاماكا ۋە ھاراق ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشكە ياردىمى بولىدۇ. (ھامىلىدار ئاياللار كۈدە ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.)
 دېڭىز بېلىقلىرى: تەركىبىدە كۆپ خىل تويۇنمىغان كىسلاتالار بولۇپ ئانا تېنىنىڭ تاماكا تەسىرىگە بولغان ئىنكاسىنى توسۇيدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
دېڭىز بېلىقلىرى مېڭىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
پۇرچاق ئۈندۈرمىلىرى: مەيلى سېرىق پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق ياكى پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بولسۇن ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىنلار مول بولۇپ، بۇ ۋېتامىنلار ئادەم بەدىنىدىكى كېسەل قوزغاتقۇچى ماددىلارنى يوقىتالايدۇ ھەمدە جىنسىي ھورموننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
 يېڭى كۆكتات، يېڭى مېۋە شەربىتى ئادەم تېنىدىكى يىغىلىپ قالغان زەھەرلىك ئېلېمېنتلار ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىدۇ، ھەمدە قاننى جانلاندۇرىدۇ. ھۈجەيرىدە توپلىنىپ قالغان زەھەرلىك ئېلېمېنتلار تېزلىكتە ئېرىپ، چىقىرىش سىستېمىسى ئارقىلىق تەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
ئانا-بالا تورىنىڭ ئەسكەرتمىسى:
كولباسا، تۇزلانغان گۆش، تۇزلانغان بېلىق، تۇزلۇق قورۇما قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، كۈچلۈك ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن قوي گۆشى كاۋىپى قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. كۆكتاتلارنى يۇيغان ۋاقىتتا يۇيۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش، يەنى كۆكتاتتىكى خىمىيەلىك ئوغۇت قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىش.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى