ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانا-بالىنىڭ قان تىپى ماس كەلمەسلىك ئەھۋالىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

ئانا-بالىنىڭ قان تىپى ماس كەلمەسلىك ئەھۋالىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-10-13 ئاۋاتلىقى: 906 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

 ئانا تېنى ۋە ھامىلە ئوتتۇرىسىدا، قان تىپى ماس كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلىنىڭ قان سويۇقلۇقى تەركىبىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئاستا-ئاستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ۋە تۈرلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: بويىدىن ئاجراش، ھامىلە بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا قان ئېرىش كېسىلى كۆرۈلۈش قاتارلىقلار، ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئانا-بالىنىڭ قان تىپىنىڭ ماس كەلمەسلىكىنى RH ۋە ABO قان تىپى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 RH مەنپىي زەرەتلىك: ئەگەر ئەر تەرەپتىكى RH مۇسبەت زەرەتلىك بولسا، ھامىلىدىكى RH مۇ مۇسبەت زەرەتلىك بولىدۇ ھەم شۇنداقلا RH قان تىپىنىڭ ماس كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ھامىلە ئاتىدىن ئىرسىيەت قالغان روشەن خاراكتېرلىك ئانتىگېننى ھامىلىدارلىق ئارقىلىق، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ياكى تۇغۇش ئارقىلىق ئانا تېنىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ چاغدا ئانا تېنى ئانتېگىننىغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل ئانتىتېلا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئانتىتېلا بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە كىرگەن ۋاقىتتا، ھامىلىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، توپلىشىپ قىلىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بوۋاقنى ئېغىر تىپتىكى قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ.
  ABOقان تىپى: ئانىنىڭ قان تىپى O، ئاتىنىڭ بولسا  Aتىپ، B ياكى AB تىپ، ھامىلىنىڭ قان تىپى بولساA  ياكى B بولغاندا، ئەكسىچە ABO قان تىپى ماس كەلمەسلىك شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ كىلىنىكىدا يەنە  ABOقان ئېرىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى: ھامىلىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئانا تېنىگە كىرگەن ۋاقىتتا، ئانا تېنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئانتىتېلالارنى غىدىقلايدۇ، ھامىلە تېنىدىكى ئانتىتېلا بەلگىلەنگەن مىقدارغا يەتكەندە، ھەر قايسى ئانتىگېنلاردا ئىنكاس پەيدا بولىدۇ ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ زور مىقداردا بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بوۋاقتا قان ئېرىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يۈز بېرىدۇ، بوۋاقتا ئاستا-خاراكتېرلىك سېرىقلىق كېسىلى، قان ئازلىق، روھىي چۈشكۈنلۈك، سۈت ئەممەسلىك، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ھەتتاكى تارتىشىپ قىلىش، پۇت-قوللىرىنىڭ تارتىشىشى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ. بۇ كېسەل ئېغىر بولغانلار 3~4 كۈنگىچە ئۆلۈپ قالىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھايات قالغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار، ھەرىكەت جەھەتلەردە كېسەللىك ئاسارىتى كۆرۈلىدۇ.
ھامىلە مەزگىلىدە ئەگەر قان ئېرىش ئېغىرلاپ كەتسە، بويدىن ئاجراش ۋە ھامىلە بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، ھەتتا ئۆلۈپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تۇغۇشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتە ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ چوقۇم قان تىپىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ قان تىپى O، ئەرنىڭ قان تىپى O بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، چوقۇم ھامىلىدار ئايالنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئانتىتىلارنىڭ مىقدارىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك، ئانتىتىلارنىڭ قويۇقلۇقى بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندە چوقۇم مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن: ھامىلىدار ئايال يوپۇرماق كىسلاتاسى، زور مىقداردىكى ۋېتامىن E، C، B قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ھامىلىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى قوغدىغىلى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىلىنىش ۋە قايتا پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ھامىلىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، ئانا تېنىدىكى ئانتىتىلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا بالا ھەمراھى پەردىسىنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېتلىق ئانتىتىلارنىڭ ھامىلە تېنىگە كىرىشىنى توسقىلى بولىدۇ. كىلىنىكىدا جۇڭيى دورىلىرىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇپ، ئانا تېنىدىكى ئانتىتىلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

 بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلە تېنىگە قان يەتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق بولسا ھامىلىدارلىقنى توختىتىش، ھامىلىنى بالدۇر قۇتۇلدۇرۇشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئاياللار، ئەگەر ئىلگىرى ھامىلىسى ئۆلۈپ قالغان ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقى قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەھۋاللار بولسا، يەنە بىر قېتىم ھامىلىدار بولغاندا، چوقۇم قاندىكى ئانتىتىلارنىڭ قويۇقلۇقىغا قارىتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
  ئەگەر ABO قان تىپىدىكى ماسلاشمىغان ئانتىتىلارنىڭ ئۈنۈمى 1:512 گە يەتسە، RH قان تىپىدىكى ماسلاشمىغان ئانتىتىلارنىڭ ئۈنۈمى 1:32 گە يەتسە، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەتتە قان تىپىدىكى ماسلاشماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامىلىدار ئاياللار مەخسۇس دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قەرەللىك تەكشۈرتۈشى، خەتەرنى ئامال بار ئازايتىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى