ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نېمە ئۈچۈن بەزى ئىرسىي كېسەللەر قىزلارغىلا ئىرسىيەت قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئىرسىي كېسەللەر قىزلارغىلا ئىرسىيەت قالىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-24 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ مولېكۇلا ئىرسىيەت ئىلمىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر 3000 خىلدىن ئارتۇق ئىرسىي كېسەللىكنى بايقىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 250 خىل كېسەل پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلىدۇ، قىزلاردا كۆرۈنمەيدۇ ياكى ناھايىتى ئاز ساندىكى قىزلاردا كۆرۈلىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەردە 23 جۈپ خىروموسوما بولىدۇ، بۇ خروموسوملار ئىچىدىكى بىر جۈپ جىنسىي پەرقنى بەلگىلەيدىغان خىروموسوما ئاياللارنىڭ خروموسومى  XXشەكلىدە، ئەرلەرنىڭ بولسا  XYشەكلىدە بولىدۇ. خىروموسوما ئۆزىدە ئادەمنىڭ ھەرخىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەيدىغان 50 مىڭدىن ئارتۇق گېننى ئېلىپ يۈرىدۇ. ئەگەر گېنلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە بۇ ئۆزگىرىش كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالىدۇ. ئەگەر كېسەللىك قوزغاتقۇچى گېن جىنسىي خروموسومدا بولسا، جىنسقا ئەگەشكەن ئىرسىي كېسەللىك بولىدۇ. كېسەل قوزغاتقۇچى گېن X خروموسومدا بولسا X –زەنجىرسىمان ئىرسىي كېسىلى ياكى X جىنسقا باغلانغان ئىرسىي كېسەللىك دېيىلىدۇ. پەقەت بىر تالX  خروموسومدىكى كېسەل قوزغاتقۇچى گېن كېسەل قوزغىتىلسا بۇ  X زەنجىرسىمان خاراكتېرىدىكى ئىرسىي كېسەللىك دەپ ئاتىلىدۇ.


بۇ خىل كېسەللىك ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، قىز-ئوغۇللاردا يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى ئوخشاش بولىدۇ. كېسەل قوزغاتقۇچى گېن پەقەت ئىككى تال خروموسومدىكى ئوخشاش بىر ئورۇندا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن كېسەل قوزغىتالىسا، بۇ  Xزەنجىرسىمان يوشۇرۇن خاراكتېرىدىكى ئىرسىي كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئاياللارنىڭ ئىككى تال خروموسومىدىكى ئوخشاش بىر ئورۇندا كېسەل قوزغاتقۇچى گېن بولىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبىدىن، يەنە كېلىپ بىر تال X خروموسومدىكى كېسەل قوزغاتقۇچى گېن، يەنە بىر تال X خروموسومدىكى نورمال گېن تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل كېسەللىك ئاسانلىقچە كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما ئاياللار بۇ خىل كېسەللىكنى ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالدۇرغۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەرلەر ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىر تال  Xخروموسومى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر بۇ خروموسومدا كېسەل قوزغاتقۇچى گېن كۆرۈلسە، دەرھال كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچى گېن يوشۇرۇنغان X خروموسومىنى توسۇيدىغان يەنە بىر X خروموسومى يوق.
 ئادەتتە ئەگەر ئانىسى كېسەل قوزغاتقۇچى گېننىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسى، ئاتىسى نورمال بولسا، ئوغۇللارنىڭ يېرىمى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى، قىزلارنىڭ يېرىمى كېسەل قوزغاتقۇچى گېننى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ بەزى ئىرسىي كېسەللەرنىڭ پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى. بۇنىڭغا ئوخشاش پەقەت ئەرلەردىلا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى