يۈرەك كېسىلى بارلار پەرزەنت كۆرۈشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2015-03-25
ئاۋاتلىقى: 739 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كىلىنىكىدا يۈرەك كېسىلى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ .
بىرىنچى دەرىجە: پەقەت يېنىك دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلى ئىپادىلىرى بولىدۇ. جىسمانىي ئەمگەكلەردە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە: ئادەتتە بەدەن ھەرىكەتلىرىدە كېسەل ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئېغىرراق جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا چارچاش، يۈرىكى سېلىش ۋە نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.ئۈچىنچى دەرىجە: يېنىك دەرىجىدىكى جىسمانىي ئەمگەككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يول قويمىسا، قىسقا مۇساپىلىك تۈز يولدا پىيادە ماڭسا بولىدۇ، ئەمما پىيادە مېڭىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن ياكى تېز مېڭىپ كەتسە ۋە ياكى نورمال مېڭىش سۈرئىتى ئۈچىنچى قەۋەتتىن ئېشىپ كەتسە، نەپىسى قىيىنلىشىش، يۈرەك سىقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
تۆتىنچى دەرىجە: جىسمانىي ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلىدىمۇ يەنىلا يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
بىزگە مەلۇمكى، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تەن ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ تېنىدىكى قاننىڭ سىغدۇرۇش مىقدارى، ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىگە كەلگەندە، قاننىڭ سىغدۇرۇش مىقدارى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %30~%50 گىچە چوڭىيىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تەن ئىچىدىكى ھورمونلارنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا يۇقىرى قان بېسىم كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، ھامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدار ئايالدا كۆكرىكى سىقىلىش، نەپىسى سىقىلىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايالنىڭ يۈرەك ئىقتىدارى ناچار بولۇپ قالسا، يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يۈرەك نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئانا تېنى ۋە ھامىلىگە زىيان يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ،
ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يۈرەك ئىقتىدارى بىرىنچى دەرىجىدىكى ئايالدا يۈرەك زەئىپلىشىش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى، %7، ئىككىنچى دەرىجىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ %17، ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ %49 گە يېتىدۇ، ھەمدە يۈرەك ئىقتىدارى ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ئايالنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %12 بولىدۇ. تۆتىنچى دەرىجىدىكى ئايالنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ھەتتا %31 گە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ئىرسىيەت قېلىش خاراكتېرىگە ئىگە.
ئەگەر تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق يۈرەك ئىقتىدارى، ھامىلىدارلىقتىكى ھەرخىل بېسىملارنى يېڭەلمەيدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانسا، ھەرگىز ھامىلىدار بولماسلىقى، پەرزەنتلىك بولماسلىقى لازىم ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولسا بالىنى چۈشۈرۋېتىش لازىم.
ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يول قويسا، داۋاملىق ھامىلىدار بولسا بولىدۇ. ئەمما چوقۇم يۈرەك زەئىپلىشىش كۆرۈلۈشىگە دىققەت قىلىشى، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىش كېرەك.