ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ئوزۇقلۇق ئاساسى تەلەپلىرى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى ئوزۇقلۇق ئاساسى تەلەپلىرى

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 744 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندا ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولۇش كېرەك
 بەزى ئاياللارنىڭ قارىشىچە، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندا، ھامىلىگە بولغان پايدىسى ھامىلىدارلىقتىن كېيىن تولۇقلىغاندا يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوزۇقلۇق بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەم يېگەن ھەربىر خىل يىمەكلىك ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تەرىپىدىن ئاسان يەتكۈزۈلىدىغان ماددىغا ئايلانغاندىن كېيىن، قانغا كىرىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ، ياكى بەدەننىڭ ھەرقايسى «ئامبارلىرى»دا ساقلىنىپ، ھەر ۋاقىت بەدەننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ. نۇرغۇن ئوزۇقلۇقلار ئالدىن سۈمۈرۈلۈپ، ئۇزۇنغىچە ساقلىنىدۇ، مەسىلەن ياغ 40-20 كۈنگىچە، ۋېتامىنC 120-60 كۈنگىچە، ۋېتامىنA 365-90 كۈنگىچە، تۆمۈر 125 كۈن، تۇز 1000 كۈن ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كالىتسىي 2500 كۈن ساقلىنىدۇ. 


بۇ ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئوزۇقلۇقلار ھامىلىدارلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ياخشى بولسا، بوۋاقنىڭ سەل ئېغىرراق بولۇپ، ناھايىتى تېتىك بولىدۇ، ئاسان ئاغرىپ قالمايدۇ، ھەتتا بالىنىڭ ئەقلىي-ئىقتىدارى ئۈچۈن ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى