ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى 2 ھەپتىسىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يانفوندا كۆرۈش
1. ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى تېپىش
ھامىلىدار بولۇش مەزگىلىنى ھەر كىم ئۆز بەدىنىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش قائىدىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئەڭ ياخشى مەزگىلنى تاللاپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى، يېپيېڭى تۇخۇم ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان ئۇرۇقنى بىرلەشتۈرۈپ ھامىلىدار بولۇشى كېرەك. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى 2-3 كۈنى ۋە تۇخۇم چىقىرىشنىڭ كەينىدىكى 1-2 كۈندە ئەڭ ئاسان ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇخۇم چىقىرىلىپ 20 سائەتتىن كېيىن قېرىشقا باشلايدۇ، ئىسپىرما يەنى ئۇرۇقنىڭ بولسا 48 سائەت ئىچىدە تۇخۇم بىلەن قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، سىزگە تەكلىپىمىز ئەڭ رومانتىك ئەڭ قىزغىن جىنسىي تۇرمۇشنى ئاياللار تۇخۇم چىقىرىپ 2-3 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
2. ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش مۇھىتىنى ھازىرلاش كېرەك
ئەڭ ياخشى ھامىلىدار بولۇش مۇھىتى بولسا، ئۆينىڭ ھاۋاسى ساپ، ئىككەيلەننىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرغان، ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان ئەھۋالدا، جورىڭىز بىلەن ئىككىڭلار مۇھەببەتلىك بىرلەشكەندە، ئورتاق جىنسىي تۇرمۇشتىن ھوزۇرلانغاندىكى مۇھىتتۇر. ئامېرىكىدىكى داڭلىق جىنسىيەت ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىسپاتلىشىچە: ئاياللار جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئاسان ھامىلىدار بولىدىكەن، ھەمدە سۈپەتلىك تۇغۇشقا ياردىمى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل تۇغۇلۇش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
3. ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك
ئالدىنقى مەزمۇندا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى بىرىنچى، ئىككىنچى ھەپتىسىدە ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ياكى پىشمىغان گۆش دېگەنلەر بىلەن قەتئىي يېقىن ئۇچراشماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك قۇرت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، بۇلار ھامىلىنىڭ غەيرى يېتىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئەرمەك ھايۋانلاردىن يىراق تۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.