يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولۇپ 4-ھەپتىنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، دائىملىق تەكشۈرۈش (常规体检) بۇ زىيانلىقمۇ؟
ھېچقانداق تەسىرى يوق. بىراق ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 3 ئاي ئىچىدە كۆكرەكنى نۇردا تەكشۈرتكەن بولسا بۇ ھامىلىگە ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى X نۇرى تۆرەلمىنى ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە كۈچلۈك رادىئاتسىيە دولقۇنى چىقىرىدۇ، ئۇ تۆرەلمىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، بولۇپمۇ نىرۋا سېستىمىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلىنىڭ مېڭە قىسىمىنىڭ يېتىلىشى ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 50 كۈنى ئىچىدە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، 40 كۈن ئىچىدە كۆكرەك قىسىمىڭىزنى تەكشۈرتكەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرغىنىڭىز ياخشى.