ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىگە قەدەم قويۇشقا ئەگىشىپ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قۇسۇشى ئېغىرلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەدىنىدە سۇ ۋە ناتىرىي كەملەپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك، ئىچىملىك تەركىبىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇسۇش يەنە تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەملەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا تۆمۈر ماددىسى كۆپرەك بولغان تۇخۇم، ئۆردەك، ھايۋانات يۈرىكى ۋە جىگىرى، بۆرەك قاتارلىقلارنى، ئۇنىڭدىن باشقا پۇرچاق، پەمىدۇر، كەرەپشە (چىڭسەي)، موگۇ، قىزىل دېڭىز يوسۇنى، شاپتۇل، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
سىزىك مەزگىلىدىكى قۇسۇش ئالامىتىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن جۈزە (柑橘)، ئاربۇترۇس (杨梅) قاتارلىق مېۋىلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ مېۋىلەر ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىپ، ئاشقازان ئۈچەي يولىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەتىگەن سەھەردە قۇسۇش ئەھۋالى كۆپ بولىدۇ، قۇرۇق كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر قۇسۇشنى يېنىكلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن نان، بولكا، موما، پىچىنە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى يەپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا يېتىۋېلىپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش لازىم.
بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر: كۆممىقوناق، گۈرۈچ، كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىقلار.