ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
ۋاقتى: 2016-07-24
ئاۋاتلىقى: 713 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
25-ھەپتىگە قەدەم باسقاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالىدۇ. ياندىن قارىسا قورساق خېلىلا بىلىنىدۇ. بالىياتقۇ تېگى كىندىكتىن ئۈچ بارماق ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايال روھىي ھالىتى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ، ئاسان چارچايدۇ، بېشى قايىدۇ، كىچىك تەرىتى كۆپ بولىدۇ. ھامىلىنىڭ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، قورساق ئېغىرلاپ، پۇت ۋە بەلنىڭ ئاغرىقى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ.
ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن تۈكلىرى تېخىمۇ قارىداپ توملىشىدۇ. چېچى تېخىمۇ قۇيۇق ۋە پارقىراق بولۇپ كېتىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭدىن كۆپ ئەنسىرەش ھاجەتسىز، پەقەت دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېمەك-ئىچمەك ياكى دورا ئارقىلىق كېسەلنى كونترول قىلىپ تۇرسىڭىز، يەنىلا ساغلام بوۋاق تۇغالايسىز.