ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كىندىكتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بالىياتقۇ تۈۋىگىچە بولغان ئېگىزلىك تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر، دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمە يۈزىدىن«耻骨联合» باشلاپ ھېسابلىغاندىن تەخمىنەن 35 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 11-13 كلوگرام ئەتراپىدا ئاشقان بولىدۇ. ھازىر بالىياتقۇ دىۋارى ۋە قورساق دىۋارى ناھايىتى نېپىزلاپ كەتتى، ھامىلە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا سىز ھەتتا ھامىلىڭىزنىڭ قول-پۇتى ۋە جەينىكىنى كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن. ھامىلە بارغانسېرى چوڭىيىدىغان ۋە بارا-بارا تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بۇ مەزگىلدە ھەمىشە بېلى ئاغرىيدۇ، داس بوشلۇقنىڭ ئارقا قىسمىدىكى مۇسكۇل ۋە تارىمۇشلار ئۇيۇشۇپ بىرخىل تارتىشقاندەك سېزىمدا ئاغرىيدۇ ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەرىكىتىنى قېيىنلاشتۇرىۋىتىدۇ، ئادەتتە ناھايىتى ئاسان تۇيۇلىدىغان ئىشلارنى قىلغاندا بۇ مەزگىلىدە ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. تەخمىنەن تۇغۇتتىن 1 ئاي بۇرۇن بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى باشلىنىدۇ، دەسلىپىدە بەزى ھامىلىدار ئاياللار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ، پەقەت قول بىلەن قورساقنى سىلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ قىسقارغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ بۇخىل ئۈنۈمسىز قىسقىرىشى كۆپ بولىدۇ، يۈز بېرىش قېتىم سانى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ.