ھامىلىدار بولغىلى 32 ھەپتە بولغاندا نېمىلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-05-17
ئاۋاتلىقى: 707 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار ئايال ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە يېمەكلىكنى ئازدىن كۆپ قېتىم ئىستېمال قىلىش پىرىنسىپ قىلسا بولىدۇ، ھەركۈنى تاماق ۋاقتىنى 5~6 قېتىمغا كۆپەيتسە بولىدۇ. ھامىلىدار ئايالدا ناھايىتى ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ، يېمەكلىكتە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، تۆۋەنكى مۈچە روشەن ئىششىپ كەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن تۇزلانغان گۆش، تۇزلانغان سەي، ئېچىتقان سەي، جىياڭيۇغا چىلانغان سەي قاتارلىق تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىتىن ساقلىنىش كېرەك. ئالاھىدە چەكلىنىشكە تېگىشلىك يېمەكلىك يوق، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، مەيلى قايسى مېۋىلەر بولسۇن ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.