ھامىلىدار ئاياللار كومپيۇتېر ئىشلەتسە بولامدۇ؟(2)
يانفوندا كۆرۈش
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى شۇنداق قارايدۇكى، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنىڭ ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ، ئاساسلىقى چارچاش، زىيادە جىددىيلىشىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ، ساغلام ۋە ئەقىللىق بولغان بىر بالا تۇغۇش ئۈچۈن، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قىلغاندا ھامىلىدار ئاياللار تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك:
ئەگەر شارائىتى يار بەرسە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ۋاقىتىنچە كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك. پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ۋاقىت توختىماي خىزمەت قىلماسلىق، ھەر بىر سائەت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلش كېرەك.
كومپيۇتېر ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنى قەرەللىك ھالدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك.
كومپيۇتېرنى تىزغاندا ئارقىسىدىن تىزىش، بۇنداق قىلغاندا رادىئاتسىيەنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا قوغدىنىش كىيىمى كىيىۋېلىش، بۇنداق قىلغاندا ناھايىتى ياخشى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.