كۆمۈر گازدىن زەھەرلىنىشى 22 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-04-04
ئاۋاتلىقى: 540 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: ھامىلىدار ئايالنىڭ يېنىك دەرىجىدە كۆمۈر گازدىن زەھەرلىنىشى 22 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟
جاۋاب: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئاسانلا كۆمۈر گازدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ھامىلىگە زىيانلىق، ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ قورساقتا تۇرۇپلا ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە ھامىلىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان تەقدىردىمۇ ھامىلىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئۇچرىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. تەلىپىمىز ھامىلىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ!