بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى
ۋاقتى: 2015-09-30
ئاۋاتلىقى: 1312 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. دورا ۋە ئىسپىرت. دورا ۋە ئىسپىرت قانغا ئۆتكەندىن كېيىن، سۈت بىلەن بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئۆتىدۇ. شۇڭا دورا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
2. ئاچچىق يېمەكلىكلەر ۋە قەھۋە. ئاپېلسىن، پىياز، سامساق ۋە باشقا ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئۇلار بوۋاقتا ئىچ سۈرۈش ياكى قورساق ئېسىلىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئانا بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، سۈتنىڭ تەمى ۋە كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەگەر بىرەر خىل يېمەكلىك بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىدا بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقى بايقالسا، شۇنى يېمەسلىك كېرەك.
3. ياغلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ياغدا قورۇلغان بەرەنگە، شېكەر، تورت قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك كېرەك.