قىرقى مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە دائىر ئەنئەنىۋى قاراشلاردىكى ئون تۈرلۈك خاتا چۈشەنچە (2)
يانفوندا كۆرۈش
ئۈچىنچى خاتا چۈشەنچە: ھەممىسى شامال تېگىشتىن كېلىىپ چىقىدۇ دەپ قاراش.
نۇرغۇن ئانىلار قىرقى مەزگىلىدە، ئىشىك – دەرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ، بېشىنى چۈمكەپ، قېلىن ئىشتانلارنى كىيىپ، شامال بىلەن ئۇچرىشىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىنى ھاۋا ئالماشمايدىغان دەرىجىدە ھىم قىلىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز – ئۆزىگە ئۇۋال قىلغانلىق، ئىللىق شامال يېنىك سىيپاپ ئۆتسە، پەقەت يېڭى ھاۋا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ قانداقسىگە چىللە قىزىتمىسىنىڭ سەۋەبچىسى ھېسابلانسۇن؟ چىللە قىزىتمىسىنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى پاتوگىنلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ بەلكىم تۇغۇتتىن ئاۋالقى تەكشۈرۈشتە دىزىنفىكسىيەلەشنىڭ لاياقەتلىك بولمىغانلىقى، ياكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ چىللە مەزگىلىدىكى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر ئۆي ئىچىنىڭ تازىلىق مۇھىتى ناچار، ھاۋاسى بۇلغانغان بولسا، ئاسانلا تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاقنىڭ نەپەس يولىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ياز پەسلىدە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى پات – پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچى خاتا چۈشەنچە: تۇغۇتتىن كېيىن چىش چوتكىلىسا بولمايدۇ دەپ قاراش
تۇغۇتلۇق ئاياللار ئادەتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تاماق قېتىم سانى كۆپ بولغانلىقتىن، يېمەكلىك قالدۇقلىرىنىڭ چىشنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە چىش ئارىلىقىدا قېلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىز بوشلۇقى يۇقۇملىنىشى چىللە مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن بىرى، شۇڭلاشقا كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ قىرقى مەزگىلىدە چىشىنى چوتكىلىماسلىقى توغرا ئەمەس. تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن چىش چوتكىلىشى كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلىسا، ئېغىزنى چايقىسا سالامەتلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق.