بوۋاقنى كالا سۈتىدە بېقىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ۋاقتى: 2015-06-01
ئاۋاتلىقى: 582 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سوئال: بوۋىقىم سەككىز ئايلىق بولدى، كالا سۈتى بىلەن ئېمىتىۋاتىمەن، ھەر كۈنى يەنە سۇ ئىچىشى كېرەكمۇ؟ قانچىلىك ئىچىشى كېرەك؟
جاۋاب: كالا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان بوۋاققا، ھەر كۈنى يەنە سۇ قۇشۇپ ئىچكۈزۈش كېرەك. چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، سۇ مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. سۇنىڭ مىقدارىنى مۇنداق ھېسابلاشقا بولىدۇ: بالىغا بىر بوتۇلكا ساپ كالا سۈتى ئىچكۈزگەندە، يەنە 80 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 6 كىلوگىرام بولسا، ئۇنداقتا ھەر كۈنى يەنە 240 مىللىلىتىر سۇ قوسۇش كېرەك، بۇ بىر بوتۇلكا كالا سۈتىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن شۇ نەرسە يادىڭىزدا بولسۇنكى ھەرقانداق سۈت پاراشوكى ئانا سۈتىنىڭ قەتئىي ئورنىنى ئالالمايدۇ، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئىككى يىل تولۇق ئېمىتىڭ، بۇنىڭدا بالىڭىز ۋە سىز ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق تەرەپلەر بار.