ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە بالدۇر تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالاھىدە مۇلازىمەت

ھامىلە بالدۇر تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالاھىدە مۇلازىمەت

ۋاقتى: 2016-01-10 ئاۋاتلىقى: 854 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە بالدۇر تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالاھىدە مۇلازىمەت 

ھامىلدارلار مەكتىپى. ھامىلدارلار مەكتىپى بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان  تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ساغلاملىقنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق، ھامىلە مەزگىلى بالا تەربىيەسى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ نۇرغۇن دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ھەتتا بوۋا، موما بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشىۋاتقان لېكسىيە. لېكسىيە ئارقىلىق ھامىلدارلىق جەريانىدا ھەرقايسى ئەزا سىستېما، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈلىدىغان  ئۆزگىرىش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ھەم ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ئانا-بالا بىر ئۆيدە تۇرۇش قاتارلىق  ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىك، ئاتا-ئانىلارنىڭ يەڭگىللەپ سەپكە ئاتلىنىشى، ھاجەتسىز بولغان غەم-ئەندىشە ۋە تەشۋىشلىنىش،بىرلىكتە ئوماق، زېرەك، ساغلام بالىنىڭ كۆز ئېچىشىنى كۈتۈش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

بوۋاقلارنى سۇ ئۈزدۈرۈش ۋە سىلاش

بوۋاقلىق مەزگىلى بولسا ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم، تەرەققىي قىلىشى ئەڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىل بولۇپ، سۇ ئۈزۈش، سىلاش ھەرىكىتى قىلىپ بەرسە بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋا سىستېمىسى،ھەزىم سىستېمىسى،نەپەسلىنىش سىستېمىسى،قان ئايلىنىش سىستېمىسى، مۇسكۇل يىلىكنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. بوۋاققا سۇ ئۈزدۈرۈشنىڭ پىرىنسىپى بولسا بوۋاققا ئانا تېنىدىكى بىلەن ئوخشاش مۇھىتتا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغۇزۇش، سۇ دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ بالىنىڭ بېشىنى سىيلاپ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ساغلام يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. سۇ ئۈزدۈرۈش ئۆيىنىڭ تېمپىراتۇرىسى مۇقىم 28 سېلىتسىيە گىرادۇستا ساقلىنىش، سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 37 سېلىتسىيە گىرادۇستا بولۇشى،كىچىك تىپتىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ئىچىنى بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇلياۋ بىلەن ئايرىۋېتىش ياكى قاتتىق دېزىنفىكسىيە قىلىش كېرەك.

*تۇغۇتتىن كېيىىن سۈت كەلتۈرۈش. بەزى دوختۇرخانىلار ئىنتايىن كۆيۈمچانلىق بىلەن تۇغۇتتىن كېيىن سۈت كەلتۈرىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئالدى بىلەن تۇغۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن بالىغا سۈت بېزى توپچىسىنى شوراتقۇزسا سۈتنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئون سائەتتىن كېيىن سۈت كەلتۈرىدىغان ئەسۋاپ بىلەن سۈت كەلتۇرۈرۈش، ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش پىرىنسىپى سىقىش بولماستىن ئەكسىچە ئۇۋىلاش، تىترىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ شوراش كۈچىگە تەقلىد قىلىپ ئەمچەك دېغى قىسمىغا نىسبەتەن غىدىقلاش ئېلىپ بېرىپ سۈت ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ قېتىمدىن كېيىن سۈت ئاجرىلىپ چىقىدۇ.

*ئانا-بالا بىر ئۆيدە تۇرۇش كېرەكمۇ. ئانا-بالا بىر ئۆيدە تۇرۇش دېگەنلىك ئانا بىلەن بالا 24 سائەت بىرلىكتە تۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ ھەمدە پەرۋىش خادىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئائىلىدىكى بۇ يېڭى ئەزانى قىزغىن قارشى ئېلىش بىلەن ئائىلىدىكىلەر بالدۇرراق ئۇچرىشىپ ئۆز-ئارا بالدۇر  ماسلىشىپ ياخشى بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇش، ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى غەمخورلۇق قىلىشىمۇ تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. ئانا-بالا بىر ئۆيدە تۇرسا ئانىنىڭ بالىنى ئېمىتىشىگە قولايلىق يەنە ئانىنىڭ سۈت ئاجرىلىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ نىپاس خۇنىدىن بالدۇرراق پاكىزلانغىلى بولۇپ بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى