ساختا سېمىزلىك، ئەقلىي كەملىك
ۋاقتى: 2016-02-05
ئاۋاتلىقى: 612 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ساختا سېمىزلىك---چوڭ تىپتىكى مۇسكۇلغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە تۆت ياش ئەتراپىدا قوزغىلىشقا باشلايدۇ، ئادەتتە يەتتە ياشقىچە كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا، چوڭ پاقالچاق مۇسكۇلى يىگىلەپ قىلىش، كىچىك پاقالچاق توم ھەم كۈچسىز بولۇپ قېلىش، يول مېڭىش ھالىتى ئۆردەككە ئوخشاپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن بۇ كېسەل ئاستا-ئاستا پالەچلىككە ئۆزگىرىدۇ. كۆپىنچە بىمارلار 20 ياش ئەتراپىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھازىرغىچە بۇ خىل كېسەلگە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى تېخى تېپىلمىدى.
بۇ خىل بىمارلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى: %75 بىمارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئوتتۇرھال دەرىجىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 50~70 گىچە بولىدۇ. %25 بىمارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن بولىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 50 تىن تۆۋەن تۇرىدۇ.
قىزىل-يېشىل رەڭ قارىغۇلۇق كېسىلى بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلىسى بۇ كېسەللىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولسا، پەرزەنتلىرىدە كېسەللىك كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ.
بۇنىڭ قانۇنىيىتى بولسا: كېيىنكى ئەۋلادلاردىكى قىزلاردا ئاتا-ئانىسىدىن ئېرىشكەن بىر تالدىن خروموسومىدا كېسەللىك قوزغاتقۇچى گېن يوشۇرۇنغان بولسا، قىزلاردا كېسەللىك ئەھۋالى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. لېكىن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئوغۇللاردا بۇ خىل كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى قىزلارنىڭكىدىن 14 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. بۇ خىل كېسەللىك ياشلارنىڭ خىزمەت ۋە كەسىپ تاللىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.