ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلاردىكى قان ئازلىقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

بالىلاردىكى قان ئازلىقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-02-23 ئاۋاتلىقى: 599 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك. ئانا سۈتىدىكى تۆمۈر بىيولوگىكنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى كالا سۈتىدىن يۇقىرى. بوۋاق تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن تۇخۇم سېرىقى، جىگەر بوتقىسى، گۆش قىيمىسى، پۇرچاق ئۇنى، ئوبدان پىشۇرۇلغان كۆكتات يوپۇرمىقى قاتارلىق تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك، كالا سۈتى بىلەن باققان بالىلارغا بالدۇرراق، يەنى ئىككى-ئۈچ ئايلىق بولغاندا بېرىش كېرەك. بالىلىق دەۋرىدە ھەر كۈنى تۆمۈر ماددىسىغا بولغان ئېھتىياج 15 ~ 10 مىللىگرام، بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ ھەر كۈنى 20 مىللىگرام بولىدۇ، ھەر كۈنلۈك يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ  مىقدارى بۇ تەلەپكە يەتمىسە، تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغۇچى دورىلارنى بېرىش كېرەك.

2. ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش ماھارىتىنى ئىگىلەش كېرەك. بالىلارغا بېرىلىدىغان يېمەكلىكلەر چوقۇم بالىنىڭ يېشى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تۈرى تولۇق بولۇش، مىقدارى ۋە نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇش، يېمەكلىك بەك تۈجۈپىلەپ پىششىقلانمىغان بولۇشى، تەركىبىدىكى شېكەر كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، بەك ياغلىق بولماسلىقى، بەك تەملىك ۋە غىدىقلاش تەسىرى بولماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ياخشى بولۇشى، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.
3. بالىلارغا يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامېن C مول بولۇپ، يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق، ھەر قانداق  يېمەكلىك بەدەن ئېھتىياجلىق ھەممە ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىيالمايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكنى تەڭشەشتە چوقۇم تەڭپۇڭلۇق بولۇشى كېرەك.
4. تاماق تاللاش قاتارلىق بەزى ناچار ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بالىلاردىكى قان ئازلىققا تاقابىل تۇرۇشتا مۇتەخەسسىسلەر: يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بولۇپمۇ ھايۋانات جىگىرى، گۆش، بېلىق قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، پۇرچاق ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار بىلەن بالا ئىمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ تۆمۈر ماددىسىغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇلار تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە، تەركىبىدە ۋىتامېن بىلەن ۋىتامېن A مول مېۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ياخشىلاش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى