بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى چىنىقتۇرۇشتىكى بەش خىل ئۇسۇل(1)
ۋاقتى: 2015-06-07
ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى چىنىقتۇرۇشتىكى بەش خىل ئۇسۇل(1)
ئاستا ھەرىكەت قىلىش
بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسى تىخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا، ئۇلار چوڭلار مەقسەتلىك ھالدا بەرگەن تەسىرلەرنىڭ ھەرخىل غىدىقلاشلىرىنى ناھايىتى تەستە پەرق ئېتىدۇ ھەم تەستە چۈشىنىدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى ئۈنۈملۈك مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بوۋاق بىلەن پاراڭلاشقاندا سۆز رېتىمى ئاستا، مۇلايىم بولۇشى كىرەك. بوۋاقنىڭ ئالدىغا تەۋرەيدىغان ئويۇنچۇقلارنى قويۇپ بەرگەندىمۇ سۈرئىتىنى ئاستىراق قىلىشى كىرەك ھەم ئۇلارنىڭ كۆرۈش سىزىقىدا ئازراق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. بۇنداق بولغاندا بوۋاققا غىدۇقلىغۇچى شەيئىيگە بولغان ئىنكاسنى چىقىرىشقا تولۇق ۋاقىت بەرگىلى بولىدۇ.
كۆپ تەكرارلاش
يەككە ھالەتتىكى غىدىقلاش ئىنتايىن ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. ئەمما تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىش ھەم مۇكاپاتلاش تەسىرى غىدىقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بوۋاقنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى ھەم ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئانا بوۋىقىغا گۈزەل يېقىملىق ھېكايىلەرنى ئىيتىپ بەرگەندە، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم قويۇپ بېرىپ بوۋاقتا تونۇش سىزىمى ھاسىل بولغاندىن كىيىن يىڭى مەزمۇننى ئالماشتۇرۇش كېرەك.