ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(9)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(9)

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 804 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتە
1. بالىڭىز بىلەن بىللە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان كارتون فىلىملەرنى كۆرۈڭ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ھېكايىلەرنى بىللە ئاڭلاڭ. 
2. بالىڭىز بىلەن بىللە ئويۇن ئويناڭ، بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇڭ. 
3. بالىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى بەلگىلەپ بېرىڭ، كۈندە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتقىچە بولسۇن. 
4. بالىڭىزنى بالىلار پروگراممىلىرىنى كۆپرەك كۆرۈشكە يېتەكلەڭ، مەسىلەن، كارتون فىلىملەر، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاچىدىغان پروگراممىلار قاتارلىقلار، ئۇلارنى ھەرىكەتلىك فىلىم، قىسىملىق فىلىملەرنى كۆپ كۆرگىلى قويماڭ. 
5. بالىڭىز تېلېۋىزور كۆرگەندە، ئامال بار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، بەزى مەزمۇنلارغا چۈشەنچە بېرىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنازىرە قىلىڭ. 

6. باھار كۈنلىرىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ۋېلىسپىتلىك دالا سەيلىسىگە چىقىڭ، ياز كۈنلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە دەريا بويلىرىغا چىقىپ سۇ ئۈزۈڭ. كۈز كۈنلىرى بالىڭىز بىلەن بىللە دالا تامىقى يېگىلى بېرىڭ. قىش كۈنلىرىدە بولسا ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن بىللە سىرتتا قار ئېتىشىپ، ياكى قار بوۋاي ياساپ ئوينىساڭلار بولىدۇ. 
7. بالىنىڭ ھەرخىل تاشلىۋېتىلگەن نەرسىلەرنى يىغىپ ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىڭ. 
بالىڭىزنىڭ دوستلىرى ئۆيگە كەلگەندە قارشى ئېلىپ كۈتىۋېلىڭ.


تەھرىر تەۋسىيەسى:

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(1)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(3)

ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى