ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 522 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


قانداق ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش سىزنىڭ بالىڭىزغا ماس كېلىدۇ؟ بالىڭىز ئارام ئېلىۋاتقان، تاماق يەۋاتقان ياكى كەيپىياتى ياخشى ئەمەس چاغلاردا دوختۇرخانىغا ئاپارماڭ. بالىلارنىڭ ئەتىگەندە ۋە چۈشتىن كېيىن ئىپادىسى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ قانداق ۋاقىتتا كېسەل كۆرۈش يۇقىرى پەللىسى بولىدىغانلىقىنى ئىگەللەڭ ۋە بۇ ۋاقىتتا بېرىشتىن ساقلىنىڭ، بۇنداق قىلغاندا سىزنىڭ ۋە بالىڭىزنىڭ دوختۇرخانىدا نومۇر ساقلاش ۋاقتىڭىزنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ سىلەرنى بىئارام قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالالايسىلەر.
 بەزى مەسىلىلەرنى ئەڭ ياخشىسى دوختۇر بىلەن ئايرىم ۋاقىت كېلىشىپ سۆزلىشىڭ
ئەگەر بالىڭىزدا كۆرپىگە سىيىپ قويۇش ياكى ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا، سىزنىڭ دوختۇر بىلەن سۆزلىشىش ۋاقتىڭىز بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. لېكىن بالىڭىز ھەرقانچە سەۋىرچان بولغان تەقدىردىمۇ سىزنى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ساقلاشقا تەخىر قىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا بالىڭىزنى مەجبۇرى يېنىڭىزدا ئېلىپ قېلىپ دوختۇر بىلەن پاراڭلاشقاندىن، تەكشۈرتۈشنى قىلىپ بولۇپ دوختۇر بىلەن يەنە ئايرىم ۋاقىت كېلىشىپ قايىتقىنىڭىز ياخشىراق بولىدۇ.
بەدەن تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن بالىڭىزنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويۇڭ ياكى يېنىغا ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەردىن سېلىپ قويۇڭ، بالىنىڭ قورسىقى تويغاندىن كېيىن زېھنى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئاسان تېرىكمەيدۇ.



كىيىمنى بەك كۆپ كىيگۈزۈۋەتمەڭ، ئايىقى سېلىشقا قولاي بولسۇن.
بەدەن تەكشۈرتۈش جەريانىدا، كۆپ كىيىمنى بىردىن-بىردىن سېلىش ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن ئايىقى چىققان بالىلار ئاياق سېلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بولۇپمۇ بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ ئايقىنى سالدۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بالىڭىزنى تەكشۈرتۈشكە ئاپارغان چاغدا بالىڭىزغا ئاسان سالغىلى بولىدىغان كىيىم كىيگۈزۈڭ، پېرىجە بولسا ئەڭ ياخشى. ئۆزىڭىز بىر قېتىم سالدۇرۇپ سىناپ بېقىڭ، بۇنداق بولغاندا دوختۇرغا بىرقەدەر قولاي توختايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم بەدەن تەكشۈرتكەندە يولۇققان ئاۋارىچىلىقتىن بۇ قېتىم ئىمكانقەدەر ساقلىنىڭ
ئەگەر بالىڭىزنىڭ قايسى مۇرەككەپ تەكشۈرۈش سايمانلىرىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بالىڭىزنى ئۇ سايمانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر بالىڭىز ئۆزىنى يالىڭاچ ھالەتتە تەكشۈرۈشكە قارشىلىق كۆرسەتسە، دوختۇردىن بالىنىڭ كىيىم سالدۇرماي تەكشۈرىدىغان باشقا ئۇسۇلنىڭ بار-يوقلۇقىنى سوراش، ئەگەر باشقىچە ئۇسۇل بار بولسا شۇ بويىچە قىلىش لازىم. گاھى چاغلاردا بالىڭىز بەدىنىنى تەكشۈرگەن چاغدا سىزنىڭ يېنىدا بولۇپ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن دوختۇرنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن بالىڭىزنى قۇچىقىڭىزدا ئولتۇرغۇزۇپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى