ۋاز كېچىشمۇ، تاللاشمۇ ئۆزىمىزگە باغلىق
-
ۋاز كېچىشمۇ، تاللاشمۇ ئۆزىمىزگە باغلىق
ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 852 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ۋاز كېچىشمۇ، تاللاشمۇ ئۆزىمىزگە باغلىق
ئوسمانجان قۇربان
بۇ ۋەقە ئۇزاق يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ كانساس ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن. رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن بىر ياش سىزغان ھەجۋىي رەسىملىرىنى گېزىتخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىدىكەن، ئەمما مۇھەررىر ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن:
سەندە رەسىم سىزىدىغان قابىلىيەت يوق، ياخشىسى، رەسىم سىزىشنى توختاتساڭ بولغۇدەك. لېكىن، بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىشنى پەقەت خالىمايدىكەن. بىر كۈنى بىر چېركاۋنىڭ مىسسئونىرى ئۇنى رەسىم سىزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ. مائاشى تۆۋەن بولسىمۇ يىگىت بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلىپتۇ ۋە ئۇلاردىن يېتىپ - قوپىدىغانغا ھەم رەسىم سىزىدىغانغا كىچىكرەك ئۆيدىن بىرنى بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. مىسسئونىر چېركاۋدىكى كونا بىر ماشىنا ئىسكىلاتىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. بۇ ئىسكىلات چاشقان ئۇۋىسى ئىكەن، كېيىن بىر چاشقان بۇ ياش رەسسامنىڭ نامىنى چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇ چاشقان كېيىن ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەن كارتون فىلىم <<چاشقان بىلەن ئۆردەك>>تىكى چاشقان مىكى، رەسسام بولسا دېسنى باغچىسىنىڭ خوجايىنى ۋارد دېسنى ئىكەن.
ئەينى ۋاقىتتا دېسنىنىڭ يانچۇقىدا بىر تىيىن پۇلى يوق بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرۇشقا ئۇنىمىغان. ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەي، شېرىن ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەچمەي، ئۆزىگە، قىلىۋاتقان ئىشىغا، ئۆزىنىڭ شېرىن ئارزۇلىرىغا ئىشىنىپ ئاخىرىدا مۆجىزە ياراتقان. ئۇ ھازىر پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى، پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
@ئەتراپىمىزدا بىر قېتىملىق زىيان تارتىش ياكى كىچىككىنە مەغلۇبىيەت ۋە ياكى باشقا شەكىللەردىكى ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي چۈشكۈنلۈك يولىنى تاللاۋاتقان كىشىلىرىمىز يوق ئەمەس. تۇرمۇشمۇ ھەرگىز تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ‹‹ئېچىل داستىخان›› ئەمەس. تۇرمۇش ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ، جاپا بىلەن راھەتنىڭ، مەغلۇبىيەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىرىكمىسى. دۇنيادا نەدىمۇ جاپاسىز راھەت، غەم - قايغۇسىز خۇشاللىق بولسۇن؟ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ھەر بىر غەلىبە قىلغۇچى ھەر بىر قىيىنچىلىقنى بىر قېتىملىق پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۇنى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ پەلەمپىيى قىلغان. ئەگەر ئۇلارمۇ قىيىنچىلىق ئالدىدا ۋاز كەچكەن بولسا، ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. كۆپ قىسىم كىشىلەر بەزى ئىشلار توغرىسىدا ‹‹ئامال يوق››، ‹‹مەن قىلالمايدىكەنمەن›› دەپ قاراپ، ئوڭۇشسىزلىقنى ۋاز كېچىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالىدۇ. بىلىش كېرەككى ھەر بىر ئىشنىڭ قاملاشمىغاندەك قىلغان ۋاقتى دەل شۇ ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى. بىر ئىشنى قىلغاندا مۈشكۈللەر ئالدىدا ۋاز كېچىشنى تاللاش ئىنتايىن ئوڭاي، بىزنىڭ تەكىتلەيدىغىنىمىز ۋاز كېچىشنى تاللاش ئەمەس، بەلكى بەل قويۇۋەتمەستىن ئىلگىرىلەشنى تاللاشتۇر. بۇنى قىلالايدىغانلار قانچىلىك؟ مېنىڭچە ئاشۇ ۋاز كېچىشنى تاللاۋاتقانلارمۇ ئالغا بېسىشنى چوقۇم تاللىيالايدۇ. ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ بىزدىن كۈتىدىغىنىمۇ دەل شۇ، چۈنكى ۋاز كېچىش ۋە ياكى تاللاش پەقەت ئۆزىمىزگە باغلىق.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۈمىدسىزلەرگە --كەلگۈسى غۇۋا
2015-09-07 14:59:51366دەرتلىرىڭىزنى كەينىڭىزگە تاشلاپ، ئالدىڭىزغا بېقى
2015-09-19 15:18:591053بەخت ھەققىدە
2015-10-17 21:56:211091قېينانا ۋە كېلىن
2015-09-04 21:36:52513بەخت كېلىدۇ -مۆمىنجان ئابلىكىم
2015-12-08 15:31:311358قەلبىمىزدە ئۈمىد چىرىقى
2015-09-01 15:45:58553كىم تاپالايدۇ ؟ تېپىشماق
2015-09-02 10:08:59666شۇنداق بىر ھېكايە
2015-08-30 15:29:07712
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-