دوستى بولۇش
-
دوستى بولۇش
ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 540 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ دوستى بولمىسا بولمايدۇ. بارلىق دوستلارنىڭ ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر دوست بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىڭىز، بۇ دوستىڭىز بولمىسا، ھەر قانچە كۆپ دوستىڭىز بولسىمۇ، قارىماققا خوشال كۆرۈنگەندەك قىلغىنىڭىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە تولىمۇ زېرىكىشىلىك ھېس قىلىسىز.
بىر بوۋاي بىر يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ. يىگىت ئۆزىنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى بارلىقى، ئۇلار بىلەن بىرگە بولغاندا تۇرمۇشىىنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغانلىقىنى تەرىپلەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭدىن سېنىڭ زادى قانچە دوستۇڭ بار؟ دەپ سوراپتۇ. يىگىت ناھايىتى كۆپ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئېنىق سانىنى ئۆزىمۇ بەك بىلىپ كەتمەيدىكەن.
بوۋاي ئۇنىڭدىن: «مەن سېنىڭ ھەقىقى دوستۇڭنى دەۋاتىمەن، ھەمدەستىخان ئاغىنىلىرىڭنى كۆزدە تۇتقىنىم يوق» دەپتۇ. يىگىت ئويلىنىپ قاپتۇ. بوۋاي يەنە: «ھەقىقى دوست، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئاتىيالايدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا سېنىڭ ئورنۇڭدا تۇرۇپ سەن ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. سەن كۈلسەڭ كۈلىدۇ، يىغلىساڭ ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ھەر قانداق ئىشقا يولۇققان ۋاقتىڭدا سەن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلالايسىەن، ھە ئەمدى دەپ باقە، سېنىڭ قانچە دوستۇڭ باركەن؟» دەپتۇ. يىگىت بۇ چاغدا گەپ قىلالماي قاپتۇ. بوۋاي يەنە «ئەگەر بۇنداق دوستۇڭ بارلىقىنى ئەسكە ئالالمىساڭ، قايغۇرۇپمۇ كەتمە، ئۆزۈڭ ياخشى ئادەم بولساڭ بۇنداق دوست ھامان ساڭا يولۇقىدۇ. ئۇنىڭغىچە ساڭا دائىم ھەمراھ بولىدىغان بىر سادىق دوستۇڭ بار، ئۇ بولسىمۇ سەن ئۆزۈڭ» دەپتۇ.
ئۆزىنى دوست تۇتالىغان كىشى قانداق بولىدۇ. بۇنى بىلىش ئۈچۈن يالغۇز قالغاندا غېرىبلىق ھېس قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر يالغۇز قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن قاچۇرسىڭىز، ئۆزىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ دوستى بولالمايسىز.
بىر كىشى بىر دانىشمەندىن: «سىزنىڭ دوستىڭىز كىم؟» دەپ سورىغاندا، دانىشمەن: «يەنە بىر ئۆزلۈكۈم» دەپ جاۋاپ بەرگەنكەن. ئۆزىڭىزنىڭ دوستى بولۇش ياكى بولالماسلىقىڭىزنىڭ ھالقىسى دەل يۇقارقى دانىشمەن ئېيتقاندەك «يەنە بىر ئۆزلۈك» ڭىزنىڭ بار- يوقلىقىدا. ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئەڭ يۈكسەك دوستى ئۆزلىكىدۇر. بۇ خىل ئۆزلۈك دۇنيادا تىرىشىپ- تىرمىشىپ ياشاۋاتقان ئۆزىڭىزگە ئىدراكى پوزىتسىيىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىدارىكى كۆڭۈل بۆلۈش دوستلۇقنىڭ ئالاھىدىلىكى. بەزىلەر ئۆزىنى سۆيمەيدۇ، ئۆزى خوددىي ئۆزىنىڭ دۈشمىنىدەك ئۆزىدىن ئاغىرىنىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىلا سۆيىدۇ، بىراق ئۇنىڭدا ئىدراك بولمايدۇ، ئۆزىگىلا مۇھەببەت باغلايدۇ، بۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالدا ئەڭ يۈكسەك ئۆزلۈك كەمچىل بولغان بولىدۇ.
دوستى بولۇش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيەتتۇر. قەدىمكى رىملىق پەيلاسۇپ سېنېكا: «ئۆزىگە دوست بولالىغان كىشى چوقۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دوستى» دىگەنىدى. شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا دوستۇم يوق دەپ بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ. سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ياخشى دوست بولالىسىڭىزلا سىزنىڭ ھەربىر كۈنىڭىز مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى دوست تۇتالىغاندىلا باشقىلارغا ھەقىقى دوستلۇق مېھىر ئاتا قىلالايسىز. ئۆزىڭىزنى دوست تۇتسىڭىز ھەممىلا جەھەتتىن كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلەيسىز.
Tags: دوستتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھاياتلىق سۈيىنى قەدىرلەڭ
2015-08-27 19:31:09483بەخت ھەققىدە
2015-11-12 22:23:06983قىشتا بالىڭىز قار ئوينىغاندا
2015-11-16 22:26:43812ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار
2015-10-19 15:38:28737تەبەسسۇم ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ توزۇماس گۈ
2015-10-17 15:41:13646ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى
2015-09-03 15:31:58500قېينانا ۋە كېلىن
2015-09-04 21:36:52513ئىشەنچ
2015-11-14 20:56:06972
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-