پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ
ۋاقتى: 2016-11-09
ئاۋاتلىقى: 1856 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
پاشا سېرىق قىزىتما، بەزگەك قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتالايدۇ، بىراق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ.پاشىنىڭ بەزگەكنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب بەزگەك پلازمودىيەلىرى پاشىنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن تېزلىكتە كۆپىيىدۇ، بەزگەك پلازمودىيەلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن پاشىلار ئادەم چاققاندا، كۆپلىگەن بەزگەك پلازمودىيەلىرى چېقىلغۇچىنىڭ تېنىگە كىرىپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. پاشا ئادەم چاققاندا چېقىلغۇچىغا ئۆزىنىڭ ياكى ئالدىنقى قېتىم چېقىلغۇچىنىڭ قېنىنى كىرگۈزمەستىن بەلكى ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى كىرگۈزىدۇ، بۇنداق بولغاندا چېقىلغۇچى قېنىنىڭ تەبىئىي قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھاشاراتلار تېنىدىكى ياشاش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، ئۈزلۈكسىز كۆپىيەلمىگەچكە، پاشىنىڭ شۆلگىيىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ، نەشتىرىدە ئاز مىقداردا قان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ۋىرۇس بەك ئاز بولغاچقا، چېقىلغۇچىنى يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. شۇڭا، پاشىنىڭ ئۆزىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىمۇ تارقىتالمايدۇ.
ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئېلىندى