ھامىلىدارلىقنىڭ 3- ھەپتىسىدىكى ئوزۇقلۇق يېمەكلىك كۆرسەتكۈچى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسى، يوپۇرماق كېسلاتاسى تولۇقلاش زۆرۈر. يوپۇرماق كېسلاتاسى تولۇقلاش بىلەن بىرگە، سىنىك، مىس قاتارلىق تۆرەلمىنىڭ مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يېتىلىشىگە قاتنىشىدىغان كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردا بانان، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، يەنە گازىر، قارىغاي ئۇرۇقى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە ھەممىسىدىلا سىنىك ماددىسى بار بولغان بولىدۇ.
ھامىلىدار ئايالنىڭ يېمەكلىكىنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. يەنى، قاينىتىش، دۈملەش، قورۇش، ئىسسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا سوغۇق سەيلەر ئارقىلىقمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تەم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مايدا داغلاپ پىشۇرۇلغان، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر پىشۇرۇلۇش جەريانىدا ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇلغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ھەمدە مەلۇم زەھەرلىك ماددىلار شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
ھامىلىدارلىقنىڭ 3- ھەپتىسىدە ئەڭ ياخشىسى بەك ئاچ قالماسلىق، بەك تويۇنۇۋالماسلىق، تاماقنى ئاچ قالغاندەك ئالدىراپ يېمەسلىك، مېۋە-چىۋىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك.