سەيلە قىلىش ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش
يانفوندا كۆرۈش
سەيلە قىلىش بولسا ھامىلىدارلارغا ماس كېلىدىغان بىرخىل تەنھەرىكەت. بىراق سەيلە قىلىدىغان جاينى چوقۇم ياخشى تاللاش كېرەك. نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار يوللاردا ئايلىنىشقا ئامراق كېلىدۇ. بىراق ماشىنىلار كۆپ يەرلەردە كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى، قوغۇشۇن، ئازوت ۋە گۈڭگۈرتنىڭ ئوكسىدلىرى، نەپەسلىنىش ئارقىلىق قانغا ئۆتىدۇ. ھەمدە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 3-5 مېتىر ئارىلىقتىكى ھاۋادا يەنە كۆرگىلى بولمايدىغان چاڭ-توزانلار بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار قان ياساش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئانا-بالا تورىدىن ئالاھىدە ئەسكەرتمە:
ھامىلىدار ئاياللار يېشىللىققا پۈركەنگەن جىمجىت يوللاردا كۆپرەك مېڭىشى كېرەك. شارائىتى ياربەرسە ئورمانلىقلارغا بېرىپ ئورمان سەيلىسى قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ھامىلىدار ئازادىلىك تۇيغۇسى بەرگىلى، يەنە ھاۋادىن ۋېتامىن يەنى ھاۋادىكى مەنپىي ئىئوننى تولۇقلاپ بەدەننى كېسەلدىن يىراق تۇتقىلى ۋە نېرۋىغا راھەتلىك تۇيغۇسى بەرگىلى بولىدۇ. بۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە قورساقتىكى ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق.