ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دورا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا ئىشلار
يانفوندا كۆرۈش
1. ھەرقانداق دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، ئالدى بىلەن دوختۇرنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 6 ھەپتىدىن 16 ھەپتىگە بولغان ۋاقىت بولسا ھامىلىنىڭ ئەزالىرىنىڭ يېتىلىش مەزگىلى بولغاچقا دورا ئىستېمال قىلغاندا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، بۇ مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھامىلىنىڭ ئەزالىرى يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، دورىغا بولغان قارشىلىق ئاشىدۇ، دورا ئىشلەتكەندە ئەركىنرەك ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، بىراق دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىشلەتكەندە تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
2. ئەگەر سىزدە ھەرقانداق ئىچكى كېسەللىك كۆرۈلسە مەسىلەن: تۇتقاقلىق، دىيابېت، قالقانسىمان بەزنىڭ فونكىسىيەسى كۈچىيىپ كېتىش، زىققا، قىزىل داغسىمان بۆرە چاقىسى قاتارلىقلار كۆرۈلسە، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇشىنى ئويلىشىش كېرەك، چۈنكى ھەرقانداق ئىچكى كېسەللىك قانچە بۇرۇن كونترول قىلىنسا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يامانلىشىپ كېتىشى شۇنچە ئاز بولىدۇ، شۇنداقلا بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ھەتتا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داۋاملىق دورا ئىشلىتىپ كېسەلنى كونترول قىلىش كېرەك، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ دورىنىڭ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى كېرەك، دورىنىڭ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە بولىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرەپ ئۆز مەيلىچە دورىنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. بولمىسا ئانىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالمايلا يەنە بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
دورىلارنىڭ بوۋاققا ئەكس تەسىرى بولىدۇ، بۇ خىل تەسىر پەقەت دورىنىڭ تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلى، دورا مىقدارى، دورىنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى قاتارلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېنىقكى، ھامىلە مەزگىلىدىكى (2-8ھەپتە) دورىغا ئەڭ سەزگۈر مەزگىل. مىقدارى قانچە كۆپ بولغانسېرى، تەسىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دورىنىڭ ھامىلىگە بولغان ئۆتۈشچانلىقى قانچە چوڭ بولسا، ھامىلىگە بولغان خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.