ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 25-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 656 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) بۇ مەزگىلدە قانداق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك
ھامىلىدارلىقنىڭ 25~28-ھەپتىلىرى ھامىلىدار ئايالB  تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتېگىنىنى تەكشۈرتۈش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا قان زەردابىدىكى سىفىلىسنى ۋىرۇسى ۋە قىزىل ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 
2) مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك
بۇ مەزگىلدە ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى تېز سۈرئەتتە بۆلۈنۈپ كۆپيىدۇ، ھەجىمى چوڭىيىدۇ، دېمەك، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. ئانا بولغۇچى ياڭاق، كۈنجۈت، يەر ياڭىقى قاتارلىق مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرگەندە ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق. 
3) ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىتتىن ساقلىنىش 
بۇ مەزگىلدە دىئابىتتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئاللىقاچان دىئابىت كۆرۈلگەن ئانىلار زىيادە جىددىيلەشمەي، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، يېمەكلىك ۋە دورا ئارقىلىق كېسەلنى كونترول قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ھامىلىنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك. ھازىرقى زامان تېببىي تېخنىكىسىدا دىئابىت ئانىلارمۇ ساغلام بوۋاق تۇغالايدۇ. 
4) ھامىلىدار ئاياللار ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولامدۇ؟
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل تۆۋەن ھاۋا بېسىمى، تۆۋەن ئوكسىگېن ۋە ئايروپىلاندىكى بوشلۇق قاتارلىقلار بولۇپ، دوختۇرنىڭ «ھەرقانداق ۋاقىتتا ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولىدۇ» دېگەن ئىسپاتى بولسا بىخەتەر بولىدۇ، ئادەتتە ئالدىنقى 32 ھەپتىدىن بۇرۇن ئايروپىلاندا ئولتۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئېھتىيات ئۈچۈن بىلەت سېتىۋالغاندا يەنىلا دوختۇرنىڭ ئىسپاتىنى چىقىرىپ كۆرسىتىش كېرەك. كۆپ قىسىم جايلاردا ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىدىن كېيىنكى ھامىلىدار ئاياللارنى ئايروپىلانغا چىقارمايدۇ، ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئايروپىلانغا چىقىشتىن 72 سائەت بۇرۇن دوختۇرنىڭ ئىمزاسى بولغان « ئالاھىدە يولۇچىلار ئىلتىماسى»نى كۆرسىتىپ بىلەت سېتىۋېلىش كېرەك. 
5) ھامىلىدار ئاياللار قورساق تاڭىدىغان بەللىكلەرنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
بازارلاردا ھەرخىل ماركىدىكى بەللىكلەر بار، ھامىلىدار ئاياللار 24~36-ھەپتىلىرىدە قورساق ئايلانمىسى ھەپتىسىگە تەخمىنەن 0.84 سانتىمېتىر ئاشىدۇ. بەزى ئانىلاردا بەللىك ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتسە بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋالدا بەللىك ئىشلەتسە بولىدۇ: 
قورساق ساڭگىلاپ قالغانلار: قورساق پەسكە ساڭگىلاپ، دوۋسۇن سۆڭىكى بىرلەشمىسىنى بېسىۋالسا بەللىك ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنىڭ مەقسىتى ساڭگىلاپ قالغان قورساقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش، دوۋسۇن سۆڭىكى بىرلەشمىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش شۇنداقلا ئېسىلىپ قېلىشنى تۈزەش رولى بار. 
قورساق كۆكىرىپ قالغانلار: قورساق تېرىسى كېڭىيىپ نىپىزلەپ كېتىدۇ، ۋىنا تومۇرلار ئېنىق كۆرۈنۈپ، تېرە كۆكىرىپ ئۇيۇشۇپ كېتىدۇ، توختىماي قىچىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەللىك ئىشلەتكەندە قورساقنىڭ تېرىسىنى قوغدايدۇ. 
بالىياتقۇ نورمالدىن چوڭ بولغانلار: قوشكېزەككە ھامىلىدار بولغانلار، ھامىلە زىيادە چوڭ بولغانلار ياكى ھامىلىنىڭ ئورنى توغرا بولمىغانلار بەللىك ئىشلەتسە بولىدۇ. 
باشقىلار: ئانا بولغۇچىنىڭ بەل ۋە دۈمبىلىرى سىرقىراپ ئاغرىيدىغان ياكى قورساق مۇسكۇلى بوشىشىپ كەتكەنلەر قورساقنى تاڭسا بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى