ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 21-ھەپتىسىدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 21-ھەپتىسىدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-05-22 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  تۆمۈر تولۇقلىغۇچ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش، كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش:
بۇ مەزگىلدىكى ئانىنىڭ تېنى ۋە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق، شۇڭلاشقا تۆمۈر تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم، ھامىلىنىڭ تېنى قوبۇل قىلغان تۆمۈر ماددىسى ئارقىلىق قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى ياسايدۇ، بۇ مەزگىلدە ئانىنىڭ تېنىدە كەم قانلىقنىڭ يۈز بېرىش پۇرسىتى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدىكى ھامىلىدار ئاياللار ئورۇق گۆش، تۇخۇم، ھايۋانات جىگىرى، بېلىق، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان كۆكتات ۋە باشاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا تۆمۈر تولۇقلىغۇچىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


كالتسىي كەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش:
 ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ يېتىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ھامىلىدار ئانىنىڭ تېنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ماددا مېتابولىزمى قاتارلىقلاردا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بەدەننىڭ كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشىدۇ، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار بولغۇچى ئانا كالتسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ئاسانلا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قاندىكى كالتسىينىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى شۇ سەۋەبىدىن پاقالچاق مۇسكۇلىنىڭ ۋە يۈز، قول قاتارلىقلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



  ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بەدەن سوغۇققا تېخىمۇ «چىداملىق» بولۇپ كېتىدۇ:
  ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئانىنىڭ تېنىدىكى ئاساسى ماددا مېتابولىزمى %20 ئەتراپىدا ئاشىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئانىلار ئادەتتە سوغۇق ھېس قىلمايدۇ، تېنى سوغۇققا تېخىمۇ «چىداملىق» بولۇپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ھاۋا خېلى سوغۇق بولغان كۈنلەردىمۇ كۆپلىگەن ھامىلىدار ئاياللار نېپىزلا كىيىنىۋالىدۇ. لېكىن ھامىلىدار ئاياللار يەنىلا بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەننى ئىسسىق ساقلاش يەنىلا ناھايىتى مۇھىم.
ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟
  بىر قىسىم ھامىلىدار ئاياللار گاھى چاغلاردا ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئانىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە بېسىم چۈشۈرۈپ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسىنى بېسىۋېلىشى سەۋەبلىك بەلنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىن تارتىپ پۇت قىسمىغىچە بولغان قىسىمنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا، ئىككى تىزنىڭ ئارىسىغا ياستۇق قىستۇرۇپ ياتسا ۋە شۇ ئارقىلىق بالىياتقۇغا كىرىدىغان قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلەتسە بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كۈندۈزلىرى بىرخىل بەدەن ھالىتىدە ئۆرە تۇرۇشى ۋە ئولتۇرۇشى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق بولماسلىقى، ئىمكانقەدەر ئېغىر نەرسىلەرنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرمەسلىكى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا سۇ ئۈزۈشمۇ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسىغا چۈشكەن بېسىمنى يېنىكلىتىش رولى بار.
بالىياتقۇنىڭ ساختا قىسىلىش ھەرىكىتى‹假宫缩› كۆرۈلىدۇ
   ئەگەر سىز بالىياتقۇ مۇسكۇلىڭىزنىڭ پات-پات قىسقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز ئەنسىرەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ ھەرگىزمۇ تېزلا يەڭگىيدىغانلىقىڭىزنىڭ ئالامىتى ئەمەس، بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ بۇ خىل قانۇنىيەتسىز، ئاغرىمايدىغان قىسقىراش ھەرىكىتى«بالىياتقۇنىڭ ساختا قىسىلىش ھەرىكىتى‹假宫缩›» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان نورمال ئەھۋال.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى